يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيانقى خىتاي تارىخى تەتقىقات ماقالىلىرىدە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ تۇنجى رەئىسى ماۋ زېدۇڭ ھەم ئۇ ھاكىمىيەت تۇتقان يىللاردىكى خىتاي ۋەزىيىتىگە قايتا باھا بېرىلمەكتە.
خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سابىق خىتاي رەئىسى ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە تەخمىنەن 80 مىليوندىن ئارتۇق خىتاي خەلقى ئۆز ئەجىلىسىز ئۆلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ماۋ زىدۇڭ قوزغىغان «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» دەپ ئاتالغان 1958-يىلدىكى پولات تاۋلاش ھەرىكىتى، 1959-1960-يىللاردىكى خەلق كوممۇنىسى قۇرۇش دولقۇنى دەۋرىدە 40 مىليوندىن ئارتۇق خىتاي خەلقى ئاچارچىلىقتا ئۆلگەن.
تارىخى ماتېرىياللاردا، ماۋ زېدۇڭ، ستالىن ھەم گىتلېر قاتارلىقلار 20-ئەسىر دۇنيا تارىخىدا ئۆتكەن 3 چوڭ جاللات دەپ تەرىپلىنىپ كېلىنمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، 1939-1944-يىللاردىكى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باش جىنايەتچىسى دەپ ئاتالغان گىتلېر 3-نومۇرلۇق جاللات دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئەينى يىللىرى گىتلېرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قىرغىن قىلىنغان يەھۇدىيلار 6 مىليوندىن ئاشقان. 20-ئەسىردىكى 2-نومۇرلۇق جاللات دەپ ئاتالغان ستالىن دەۋرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ستالىن قوزغىغان سىياسىي زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 20 مىليون خەلق جېنىدىن ئايرىلغان. ھالبۇكى 1-نومۇرلۇق جاللات دەپ ئاتالغان ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە، 1958-يىلدىن 1962-يىللىرى ماۋزېدۇڭ پەيدا قىلغان ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن خىتايدا 43 مىليون ئادەم ئاچارچىلىقتىن ئۆلگەن. ماۋ زىدۇڭ قوزغىغان ھەرخىل سىياسىي زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە ئۆلگەنلەر 39 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، ماۋ زېدۇڭنىڭ زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلگەن خەلق 82 مىليونغا يېتىپ، ماۋ زىدۇڭغا 20-ئەسىر دۇنيا تارىخىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن 1-نومۇرلۇق شەخس دەپ باھا بېرىلگەن.
1960-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن بولۇپ، تارىخى ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پەقەت ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيىسىدىلا ئاچارچىلىقتىن ئۆلگەن كىشىلەر سانى 20 مىڭدىن 30 مىڭغىچە بولغان. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تارىخىدا ئەينى يىللىرىدىكى ئاچارچىلىقنىڭ سەۋەبى ئىزاھلىنىپ، شۇ يىللىرى خىتايدا ئۇدا 3 يىل تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1956-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ، 1960-يىلى 7-ئاي مەزگىلىدە خرۇششېف خىتاينى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قىلغان بارلىق ياردەملىرى ھەم قەرزىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە قايتۇرۇشنى قىستىغانلىقى سەۋەبلىك، ماۋ زېدۇڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن خىتايدىكى بارلىق ئاشلىقلار يىغىۋېلىنىپ، پۇلغا سۇندۇرۇلۇپ قەرز تۆلەنگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي خەلقى تارىختا كۆرۈلمىگەن ئاچارچىلىققا دۇچار بولغان دەپ بايان قىلىنىدۇ.
ئەمما، ماۋ زېدۇڭنىڭ كاتىپى تيەن جيايىڭنىڭ ئەسلىمىسىدە بايان قىلىنىشىچە، ئەينى يىللاردىكى ئاچارچىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇشقا مەجبۇرلىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي ماۋ زېدۇڭنىڭ يۈرگۈزگەن خاتا سىياسەت سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن. يەنى ماۋ زېدۇڭنىڭ «3 يىلدا ئەنگلىيىدىن ئېشىپ كېتىش، 5 يىلدا ئامېرىكىغا يېتىشىۋېلىش» شوئارى بىلەن قوزغىغان چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش، پولات تاۋلاش نامىدا دەل-دەرەخلەرنى كېسىپ، تاغلارنى قاقاس ھالغا كەلتۈرۈش، خەلق كوممۇنىسى قۇرۇش باھانىسىدە دېھقانلارنىڭ ئاشلىقلىرىنى مەجبۇرىي يىغىۋېلىپ ئاشلىقلارنى چەت دۆلەتلەرگە سېتىپ، بۇ پۇللارغا ئاتوم بومبىسى ياساپ سىناق قىلغانلىقى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار سەۋەب بولغان. ئەينى يىللىرى خىتايدا ئاچارچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى خرۇششېف خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتايغا 500 مىڭ توننا ئاشلىق ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ماۋ زېدۇڭ «نەچچە يۈز مىليون نوپۇسلۇق خىتايدا بىرنەچچە مىليون ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ھېچ گەپ ئەمەس، خىتاي ئاياللىرىنى تۇغۇشقا رۇخسەت قىلساق بىرنەچچە يىلدىلا بۇ بوشلۇق تولدۇرۇلىدۇ. بىز ئاچ قالساقمۇ خرۇششېفنىڭ سەدىقىسىنى قوبۇل قىلمايمىز» دەپ بۇ ياردەمنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان.
ئۇنداقتا ئاشۇ يىللاردا ماۋ زېدۇڭمۇ پۈتكۈل خىتاي خەلقىگە ئوخشاش ئاچارچىلىق ئازابىنى تارتقانمىدى؟ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تارىخىدا ماۋ زېدۇڭنىڭ بۇ يىللاردا ئاددى-ساددىلىق بىلەن تېجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ خەلق بىلەن ئوخشاش ھالدا ئاچارچىلىق ئازابىنى تارتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلار بېرىلگەن. ئەمما يېقىندا چەتئەللەردىكى بوشۈن، يېڭى تاڭ تېلېۋىزىيىسى قاتارلىق خىتاي تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى تۇرمۇش راسخوتى يىلىغا 10 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ئەتراپىدا بولسىمۇ، ئەمما ماۋ زېدۇڭنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان پۇل كۆپىنچە ھاللاردا بۇنىڭدىن زور دەرىجىدە كۆپ بولغان. ماۋ زېدۇڭ ئۇ يىللاردا ھېچقاچان ئاچارچىلىق ئازابىنى تارتمىغان. ھەتتا ماۋ زېدۇڭنىڭ ھەر كۈنلۈك تامىقىدا گۆش ھەم چەتئەللەردىن ئىمپورت قىلىنغان ھەر خىل دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ھېچقاچان ئۆكسىمىگەن.
مەسىلەن، بوشۈن تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان«ئاچارچىلىق يىللىرىدىكى ماۋ زېدۇڭنىڭ بىر كۈنلۈك تاماق تىزىملىكى» دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، 1961-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى ماۋ زېدۇڭنىڭ بىر كۈنلۈك تاماق تىزىملىكىدە 7 تۈردىكى تاماق تىزىملانغان بولۇپ، تىزىملىكتە بېلىق-راك تۈرىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، توخۇ قورۇمىلىرى، ئۆردەك-غاز گۆشى، چوشقا گۆشى، قوي گۆشى قورۇمىلىرى، كالا گۆشى قورۇمىلىرى، شورپا تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ يېمەكلىكلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بېلىق، گۆش ھەم كۆكتاتلار ھەر كۈنى ئايروپىلان ئارقىلىق چەتئەللەردىن يۆتكەپ كېلىنىدىكەن. ھەر كۈنى تۆت ئاشپەز بۇ يېمەكلىكلەرنى تەييارلايدىغان بولۇپ، ماۋ زېدۇڭغا تەييارلانغان يېمەكلىكلەرگە كۆپىنچە ھاللاردا چوكا تەگمەيدىكەن. ماۋ زېدۇڭ ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان توخۇ شورپىسى چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان توخۇنىڭ سۆڭىكى مېھرىگىياھ قاتارلىق قۇۋۋەت دورىلىرى سېلىنىپ 2 سائەتتىن ئارتۇق قاينىتىلىدىغان بولۇپ، ئاشپەزلەر ئېشىپ قالغان توخۇ گۆشىنى ھەر كۈنى بېيجىڭدىكى ئەركىن بازارغا ئاپىرىپ بىر دانە توخۇنى 4 يۈەندىن 5 يۈەنگىچە باھادا سېتىپ، بۇ پۇلغا كۆكتات قاتارلىقلارنى سېتىۋالىدىكەن. ھالبۇكى، ئەينى يىللىرىدا خىتايدىكى ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بىر ئايلىق مائاشى 40 يۈەن خەلق پۇلى ئەتراپىدا بولغان. ماۋ زېدۇڭنىڭ تاماق تىزىملىكى ئىچىدە يەنە خىتاي پۇقرالىرى ھېچقاچان يەپ باقمىغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەللەردىن يۆتكەپ كېلىنىدىكەن.
ئۇندىن باشقا «يېڭى تاڭ تېلېۋىزىيىسى» دە ئېلان قىلىنغان «ماۋزىدۇڭنىڭ كىشىلەر بىلمەيدىغان سىرلىرى» دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ماۋزىدۇڭنىڭ دوختۇرلىرى ئۇنىڭغا يەنە بەزى ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى تىزىملىكىنى تىزىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى خوڭكوڭ ئارقىلىق ئاۋسترالىيىدىن يۆتكەپ كېلىنىدىكەن. ماۋ زېدۇڭ ئىچىدىغان چاي ھەم ئۇ چېكىدىغان تاماكىلارمۇ مەخسۇس ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلانغان «لۇڭجىڭ چېيى»، جۇڭخۇا، مۈشۈك ئېيىق قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك تاماكىلار ئىكەن.
بۇ يىل 9-ئاينىڭ 29-كۈنى خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلەيدىغان گوللاندىيىلىك تارىخچى پروفېسسور فرانك دىكوتتېر تەرىپىدىن يېزىلغان «ماۋزىدۇڭنىڭ ئاچارچىلىقى» دېگەن كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، 60-يىللىرى ماۋ زېدۇڭ تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان «ئاچارچىلىق ۋەقەسى»دە 45 مىليون ئادەم ئۆلۈپ، خىتايدا ئاچارچىلىق دەستىدىن ئادەملەر دەرەخ قوۋزاقلىرىنى، ئوت-چۆپلەرنى ھەتتا ئادەملەر بىر بىرىنى يەيدىغان پاجىئەلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق كوممۇنىست ئەمەلدارلار يەنىلا ئىمپورت قىلىنغان ئالىي دەرىجىلىك يېمەكلىكلەرنى يەپ، ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئىچىدە كەيپ سۈرگەن.