"خىتايغا نەزەر" تور گېزىتىدە تۈنۈگۈن بېسىلغان "خىتايدا ئەڭ چوڭ قەلەم ئوغرىسى ماۋزېدۇڭ" دېگەن ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەركىزى پارتىيە مەكتىپى، ئەسەر تەتقىقات ئىشخانىسى قاتارلىق ئۈچ ئورگان 1995 - يىلى 6 - ئايدىلا "ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ ئورىگىناللىرىنى ئېنىقلاش ھەققىدىكى دوكلات" نى مەركىزى كومىتېتقا يوللىغان. بۇ دوكلاتتا چىقىرىلغان خۇلاسىگە قارىغاندا، "ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى" بىرىنچى 1 - تومدىن 4 - تومىغىچە، 160 تىن ئارتۇق ئەسەرنىڭ ئاران 12 سىنى ماۋزېدۇڭ ئۆزى يازغان. 13 ئەسەرگە ماۋزېدۇڭ تۈزىتىش كىرگۈزگەن. قالغانلىرىنىڭ ھېچقايسى ماۋزېدۇڭ نىڭ ئەسەرلىرى ئەمەس.
پاش قىلىنىۋاتقان ماتېرىياللارغا قارىغاندا، زىددىيەت، ئەمەلىيەت، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش، يېڭى دېموكراتىزم، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش توغرىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ھېچقايسىنى ماۋزېدۇڭ ئۆزى يازمىغان، ھەتتا "خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش" دېگەننىمۇ جاڭ كەيشىدىن ئوغرىلىغان "خىتايغا نەزەر" تور گېزىتى مۇشۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ماۋزېدۇڭ نى "خىتايدىكى ئەڭ چوڭ قەلەم ئوغرىسى" دەپ ئاتىدى.
ماۋزېدۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قەلەم ئوغرىسى ئىكەنلىكى پاش بولدى
خوڭكوڭدا چىقىدىغان "شەپە" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ماۋزېدۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن، ماۋزېدۇڭ نىڭ قەلەم ئوغرىسى ئىكەنلىكى پاش بولۇشقا باشلىغان ئىدى. ئەڭ باشتا، ماۋزېدۇڭ گومىنداڭ بىلەن چۇڭچىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە يازدى دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان "چىن يۇەنچۇن ئۇسلۇبىدىكى شېئىر" نىڭ ئوغرىلانغان شېئىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقتى.
چوڭ قۇرۇقلۇقتا "نەشر ھوقۇقى" دېگەن ئۇقۇم كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭىشكە باشلىدى
جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى يىللاردا، چوڭ قۇرۇقلۇقتا 'نەشرىيات ھوقۇقى' دېگەن ئۇقۇم كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭىشكە باشلىغاندىن كېيىن، كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى، بولۇپمۇ ماۋزېدۇڭ غا كاتىپ بولغان، ماۋزېدۇڭ ئەسەرلىرى دېگەنلەرنى خەتمۇ - خەت تۈزىتىپ - تەھرىرلەپ چىقىپ چوڭ خىزمەت كۆرسىتىپ ئەمەلدار بولغان، خۇددى خۇ چاۋمۇدەك كىشىلەر، ئاپتورلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن راستىنى ئېيتىشقا ۋە بارا - بارا ئۆزىنىڭ نەشرىيات ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى.
نەشر ھوقۇقى جېدىلى كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنى چۈچۈتتى
جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، نەشرىيات ھوقۇقى جېدىلى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن باشلىنىپ، سىرتقا يېيىلىپ، ھازىر ئوچۇق - ئاشكارا جېدەلگە ئايلاندى. بۇ جېدەل، ئەمەلدارلىرى ئاللىقاچان ساختىپەز، قەلەم ئوغرىلىرىغا ئايلىنىپ بولغان، پۈتۈن ئىش - ھەرىكىتى شۇنداق بىر ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە داۋاملىشىۋاتقان كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنى چۆچۈتۈۋەتتى.
ھازىر خىتايدا "يالغان" ئارىلاشمىغان نەرسىنى تېپىش تەس
"شەپە" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن تارتىپ، كېڭىيىپ، ھاكىمىيەت بېشىغا چىققۇچە بولغان پۈتۈن جەريان، ئوغرىلىق - ساختىپەزلىك بىلەن تولغان جەريان. ئاخىر بۇ پارتىيە خىتايدا، جەمئىيەتتىن تارتىپ دۆلەتكىچە، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، ھەممە ۋەقەنى يالغاندىن توقۇپ چىقتى، بۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ھازىر باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىجادىيەتلىرىنىمۇ خىتاينىڭ دەپ يالغان ئېيتىشقا باشلىدى. ھازىر خىتايدا يالغان ئارىلاشمىغان نەرسىنى تېپىش تەس. يالغانسىز ياشىغىلىمۇ بولمايدۇ. بۇنداق ئوغرىلىق، يالغانچىلىقنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەكىلى ماۋزېدۇڭ.
ھازىرقى كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ قايسىبىرى يالغان سۆزلەش، ساختا ئىش قىلىش مۇسابىقىسىدە قەھرىمان بولغان ئوغرى - يالغانچىلار ئەمەس؟
جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ماۋزېدۇڭنىڭ ئوغرىلىق - يالغانچىلىق قىلىشى، ئادەتتە بىر كىشى بىرەر قېتىم، بىرەر ئېغىز يالغان گەپ قىلىپ قويغاندەك يالغان ئەمەس، ئۇ سىستېمىلىق، پىلانلىق، مەقسەتلىك، تەشكىللىك، قانۇنلۇق قىلىنغان ئوغرىلىق - يالغانچىلىق. ماۋزېدۇڭنىڭ مۇئاۋىنى لىن بياۋ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا "يالغان ئېيتمىساڭ چوڭ ئىش قىلالمايسەن" دەپ ئوچۇق - ئاشكارا ئېيتقانغۇ. ھازىرقى كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىغا قاراپ بېقىڭلار، مەيلى ئۇلار تۇغما ئەمەلدار بولسۇن، ياكى تۆۋەندىن تاللىنىپ كەلگەنلەر بولسۇن، ھازىرقى تۈزۈم شارائىتىدا مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ قايسىبىرى يالغان سۆزلەش، ساختا ئىش قىلىش مۇسابىقىسىدە قەھرىمان بولغان ئوغرى - يالغانچىلار ئەمەس؟ خىتايدا ھازىر يالغانچىلىق قىلالمايدىغان ئادەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.
خىتايدا ئوغرىلىق - يالغانچىلىقتىن ھېساب ئېلىنمىسا، بۇ مىللەتتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ
گىتلېر ئاللىقاچان پاش بولۇپ قالغان، مەغلۇپ بولغان فاشىست، ماۋزېدۇڭ گىتلېردىنمۇ ئېشىپ كەتكەن فاشىست، ماۋزېدۇڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، خەلق مەنپەئىتى دېگەندەك چىرايلىق گەپلەرنى ئەڭ كۆپ قىلغان، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى ئالدىغان، ئەمما تېخى تۇتۇپ سوتلانمىغان فاشىست. ئۇ، قىلغان گېپىنىڭ پۈتۈنلەي تەتۈرىسىنى قىلدى. مانا بۇنىڭ ئۆزى پاكىت. خىتايدا ئوغرىلىق - يالغانچىلىقتىن ھېساب ئېلىنمىسا، بۇ مىللەتتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.