بۇنىڭ جەنۇبىي دېڭىز تالاش-تارتىشى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن مۇتەخەسسىسلەر، ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن ئون يىلدىن بۇيان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئائىت چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 25-ئىيۇل دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا ئامېرىكا شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مايك مۇللېن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ دۇنياۋى مەۋقەسى ۋە بۇنىڭدا مۇھىم دەپ قارالغان نۇقتىلارنى تەكىتلىدى.
ئۇ، ئالدى بىلەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى، بىر نەچچە كۈن ئالدىدا خىتاي، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيەلەردە ئېلىپ بارغان ھەربىي زىيارىتى، ئامېرىكا-خىتاي ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش مەسىلىسى ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلار ھەققىدە توختالدى.
ئۇ، ئامېرىكا-خىتاي ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشى باشلانغانلىقىنى، دېڭىز قاراقچىلىرى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش ئىشلىرىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، يەنە نۇرغۇن تەرەپلەردە پىكىر ئىختىلاپى بارلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بارلىق تەرەپلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىپ كېتەلمەيمىز. ئەلۋەتتە ھەر ئىككى تەرەپ بۇنداق بولۇشىنىمۇ كۈتمەيدۇ. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا يەنە، بەكمۇ رېئال ۋە بەكمۇ ئەمەلىي مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، بۇلار بىز رايوندىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي جەھەتتە يېقىن بولغاندەك خىتاي تەرەپ بىلەنمۇ يېقىن بولۇشىمىزغا يول قويمايدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرىلىرى بىزنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىمىزگە قارشى؛ بىز بولساق جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنىڭ مەجبۇرەن ھەل قىلىنىشىغا قارشى. خىتاي دائىرىلىرى بىزنىڭ خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا دائىملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىمىزنى ياقتۇرمايدۇ ھەمدە بىزمۇ خەلقئارالىق دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا يۈرۈش ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشىنى خالىمايمىز.»
بۇ ھەقتە توختالغان تۈركىيە ھاجىتۆپە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى، بولۇپمۇ يېقىنى 10 يىلدىن بۇيان ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى مەۋجۇتلۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل مەيداننى تۇتۇشى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
مايك مۇللېن ئامېرىكا-خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى ئارىسىدا تۇرغۇزۇلغان پىكىر بىرلىكنى «خەيرلىك» دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ يەنىلا پەقەت تۇنجى قەدەم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى ۋە مۇنداق دېدى:«بىز بۇ جەھەتتە باسىدىغان مۇساپە بەكلا ئۇزاق. بۇ يەردە بىز مۇناسىۋەتلىرىمىزنى دەسسىتىدىغان تارىخىي ئىستراتېگىيىلىك ئىشەنچ ئاساسى ھەم يوقتۇر.»
مايك مۇللېن يەنە، خىتاي بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇنى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پىلانى ۋە قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ئاساسىي ئامىل قىلىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە «بىزنىڭ بۇ رايوندا باشقا ھالقىلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك شۇنداقلا چوڭقۇرلاشتۇرمىساق ھەمدە كېڭەيتمىسەك بولمايدىغان خەۋپسىزلىك مەجبۇرىيىتىمىز باردۇر. شۇڭا مەن بۇ نۇقتىنى ئۇ يەردىكى ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىدىن ئىبارەت سادىق ئىتتىپاقداشلىرىمىزغىمۇ كۆرسەتتىم» دېدى.
ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىلەرنىڭ ئامېرىكا ۋە رايون بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇھىم روللارنى ئوينىغانلىقىنى كۆرسەتكەن مايك مۇللېن مۇنداق دېدى:«بىز ياپونىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىدىكى مەجبۇرىيىتىمىزدە ئىنتايىن كەسكىنىمىز. بىز يەنە ياپونىيىنىڭ دۆلەت قوغداش ئەترىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ رايوندىن ھالقىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىمىز.»
بۇ ھەققىدە ئۆز كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەركىن ئەكرەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنپەئىتىلا بولۇپ قالماستىن يەنە ئىقتىسادىي مەنپەئىتىمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
جەنۇبىي دېڭىز بىلەن چېگرىلىنىدىغان دۆلەتلەردىن فىلىپپىن، ۋىيېتنام، مالايشىيا، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەر ھەمدە ھىندونېزىيە ۋە پاكىستان قاتارلىقلارنى بىر-بىرلەپ تىلغا ئالغان مايك مۇللېن بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.
مايك مۇللېن ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز تىنچ ئوكياندىكى قۇدرەتلىك كۈچمىز ۋە كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بىزنىڭ ئارمىيىمىز بۇ قۇدرەتلىك كۈچنىڭ خەنجىرى ۋە كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ كونا-يېڭى مەجبۇرىيەتلىرىمىزدىن ھەرگىز باش تارتماسلىق بىلەن بىرگە يەنە دۇنيانىڭ بۇ مۇھىم قىسمىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشتا ھەرقانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيمىز.»
مايك مۇللېن خىتاي مۇخبىرنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بىز دېڭىزدىكى ئەركىنلىك، ئەركىن يۈرۈش ۋە خەلقئارا دېڭىزدا ھەرقانداق ھەرىكەتنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقىنى قەتئىي قوللايمىز» دېدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھاۋا ئارمىيە دائىرىلىرى ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكىنىڭ بىر رازۋېدكا ئايروپىلانىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ۋە بۇ ئايروپىلاننى رايوندىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان.
خوڭكوڭدىن چىقىدىغان «سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيىسى مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن مايك مۇللېن:«ئۇ دېگەن خەلقئارالىق ھاۋا بوشلۇقى، شۇنداق ئىكەن بىزنىڭ ئۇ يەردە ئۇچۇشىمىز دەخلىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك.» دېدى.
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى: «خىتاي دائىرىلىرى بىزنى ئۇ يەردىن چىقىرىۋەتمەكچى، ئەمما بۇ مۇمكىن ئەمەس. بىز بۇنداق قىلالمايمىز. بۇلار تەكشۈرگۈچى ئايروپىلانلار بولۇپ، بۇ خىلدىكى تەكشۈرۈش بەك مۇھىمدۇر. مەنچە ھەر ئىككى تەرەپ بۇنى قانداق ئېلىپ بېرىشقا دىققەت قىلساق بولىدۇ.»
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى مەۋجۇتلۇقى تەبىئىيكى خىتاينى بىئارام قىلغان، شۇڭلاشقا بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ھەر زامان داۋالغۇش ھالىتىنى ساقلاپ قالىدىكەن.
مايك مۇللېننىڭ باياناتى ۋە مۇخبىرلارغا بەرگەن جاۋابىدا، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە بەزى مەۋجۇت مەسىلىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.
ئامېرىكا شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مايك مۇللېن ئۆتكەن ھەپتە خىتايدا زىيارەتتە بولغان ھەمدە ئامېرىكا-خىتاي ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى.