0:00 / 0:00
يىغىنغا قەيسەرى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 500 كىشى ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

يىغىندا ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور دوكتور جېلىل ئارسلان ئەپەندى «ئاسىيانىڭ مەركىزى شەرقىي تۈركىستان» ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.
يىغىن زالىدا يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى، ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇر ناخشا- ئۇسۇلىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسەتتى.