ئامېرىكا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى ھازىر ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى باسقۇچتا
س ن ن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن، 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەچتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ساغلاملىق سۇغۇرتىسى لايىھىسى ئاۋازغا قويۇلدى. نەتىجىدە ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنىڭ بۇلتۇر كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغان بىر خىل لايىھىسى 212 گە قاشى 219 ئاۋا بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. ئەمدى ئىككىنچى باسقۇچتا، پرېزىدېنت ئوباما ئىمزالىسىلا، بۇ لايىھە قانۇنغا ئايلىنىدۇ.
يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ھەر خىل لايىھىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەققىدە مۇھاكىمە بولۇۋاتقان ئىدى
يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىدا ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنى ئىسلاھا قىلىش ھەققىدە سۇنۇلغان لايىھىلەر ئاۋاز قويغاندا ماقۇللانماي كېلىۋاتاتقان ئىدى. بارەك ئوباما پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن، ئىشنى ئالدى بىلەن ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنى ئىسلاھا قىلىشتىن باشلىدى. ئوتتۇرىغا قويۇلغان لايىھىلەرنىڭ بىر خىل نۇسخىسى بۇلتۇر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر خىل نۇسخىسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللاندى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بۇ لايىھىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەققىدە مۇھاكىمە باشلاندى.
ئامېرىكىدا يىللاردىن بۇيان ماقۇللانماي كەلگەن ساغلاملىق سۇغۇرتىسى لايىھىسى ماقۇللانسا، بۇ، ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن بىر تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ ھېسابلىناتتى. پرېزىدېنت ئوباما ېيقىندىن بۇيان دۆلەت مەجلىسىگە كەينى - كەينىدىن تەكلىپ قويۇپ، ساغلاملىق سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن بىر لايىھىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈردى. پرېزىدېنت ئوباما بۇ چوڭ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن، ھەتتا ھىندونېزىيە، ئاۋسترالىيىلەرگە زىيارەتكە بېرىش ئۈچۈن ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولغان ۋاقىتنىمۇ كېچىكتۈردى.
ئامېرىكىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ساغلاملىق سۇغۇرتىسىدا سقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بايانى
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ساغلاملىق سۇغۇرتىسىدا ساقلىنىۋاتقان بىر مەسىلە تەننەرق مەمسىلىسى ئىدى. 2007 - يىلىدىلا ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىمى 2 تېرلىيون 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان. بۇ چىقىم پۈتۈن دۆلەتتىكى ئومۇمى مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 16% گە تەڭ ۋە ياكى باشقا تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمى كىرىمىدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق.
ئامېرىكىدا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ساغلاملىق سۇغۇرتىسىدا ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە، بۇ سۇغۇرتىغا قاتناشقا ئادەم سانى مەسىلىسى ئىدى. 2008 - يىلىدا ئامېرىكىدىكى 300 مىليون نوپۇسنىڭ ئىچىدە، 46 مىليون 300 مىڭى سۇغۇرتىسىز ئىدى. ئامېرىكىدا كىملىكسىز تۇرۇۋاتقان 9 مىليون 200 مىڭ ئادەم ۋە كىرىمى 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشمايدىغان 18 مىليون ئادەممۇ بۇ ساننىڭ ئىچىدە.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر نەچچە مىليون ئامېرىكىلىقنىڭ سۇغۇرتا سوممىسى كام. ئەگەر سۇغۇرتىسىز ۋە سۇغۇرتا سوممىسى كام ئادەملەر كۈتۈلمىگەن ھالدا ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولسا، داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۆزى كۆتۈرۈشى كېرەك ئىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئامېرىكىدا نوپۇسنىڭ يېرىمى داۋالىنىش چىقىمىنى كۆتۈرەلمەي ئىقتىسادىي جەھەتتە ۋەيران بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىدا داۋالىنىش تەننەرقىنىڭ كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پاراۋانلىق چىقىمۇ ئۆزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان ئىدى. بۇ، ئامېرىكا مالىيىسىدە كېلىپ چىققان قىزىل رەقەمنىڭ بىر مۇھىم ئامىلى.
گەرچە ئوباما پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ناھايىتى چوڭ پىلانلارنى ئورۇنلاشنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەسىلە پەقەت ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش ياكى قويماسلىق ئەمەس، بەلكى ئىسلاھاتنى قانداق ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدىلا پىكىر بىرلىكى ھاسىل بولماي كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ جەھەتتە قارىمۇ - قارشىلىق ئىنتايىن كەسكىن ئىدى. ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋاز توپلاش ناھايىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلدى.
جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىسلاھاتتا ھازىر تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بۇ خىل ساغلاملىق سۇغۇرتىسى لايىھىسى سۇغۇرتا سېستىمىسىدىكى بيۇكراتلىقنى ناھايىتى بەك ئېغىرلاشتۇرىۋېتىشى شۇنداقلا داۋالىنىش تەننەرقىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن.
ئوباما ئاۋاز قويۇش نەتىجىسىنى مەدھىيىلىدى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ساملاملىق سۇغۇرتىسىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھىسىنىڭ بىر خىلى تۈنۈگۈن، دېموكراتلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى دۆلەت مەجلىسىدە ناھايىتى ئاجىز كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى ۋە پرېزىدېنت ئوباماغا يوللاپ بېرىلدى. بۇ، ئامېرىكىدا 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئىسلاھات دەپ قارالدى.
بۇ لايىھىنى ئاۋازغا قويغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاز سانلىقنى ئىگىلىگەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ھەممسى قارشى ئاۋاز قويدى. دېموكراتلاردىنمۇ 34 ئەزا قارشى ئاۋاز قويدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاۋاز قويۇش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىنلا، ساغلاملىق سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم ھۆكۈمەت باشقۇرۇش پروگراممسى قىلىپ كېلىۋاتقان پرېدېنت ئوباما بۇ نەتىجىنى مەدھىيىلىدى. ئەمما جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ يېتەكچىسى جوھن بۇرن بولسا، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئامېرىكا خەلقنىڭ ئاۋازىغا پەقەت قولاق سالمىدى، سايلىغۇچىلارنىڭ ئارزۇيى بۇيىچە ئىش قىلمىدى دەپ جاكارلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.