'شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى' نىڭ خىزمەتچىسى مەھبۇبە ئابلەش قاماقتا

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدىكى بىر ئايال خىزمەتچىنىڭ خىزمەتتىن قوغلانغانلىقى ۋە قاماقتا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ئىگىلىشىمىزدە مەزكۇر شەخىسنىڭ مەھبۇبە ئابلەش ئىكەنلىكى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ ئېلان بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

0:00 / 0:00

يەنە ئىگىلىشىمىزچە، مەھبۇبە ئابلەش بۇ يىل 29 ياش بولۇپ، ئۇ جوڭگۇ ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ خىزمەت جەريانىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقى سەۋەبلىك دەسلەپتە، رادىئو ئىستانسىسىنىڭ قوغداش بۆلۈمىگە يۆتكىۋېتىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەكسىلئىنقىلابىي يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان. ئەمما ئۇنىڭ نۆۋەتتە قايسى تۈرمە ياكى قايسى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئالاقىدار تارماقلار ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىش جەريانى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا.

بىز 'شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى' نىڭ ئېلان بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. ئەمما، رادىئو ئىستانسىسىنىڭ كادىرلار بۆلۈمى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھبۇبە ئابلەش خىزمەت ئىشلىگەن ئېلان بۆلۈمنىڭ مەسئۇلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزدىن، مەھبۇبە ئابلەشنىڭ ئالىي مەلۇماتلىق ۋە دىنىي ئېتىقادلىق بىر ئۇيغۇر زىيالىسى ئىكەنلىكى مەلۇم.

بىز مەھبۇبە ئابلەشنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، باخۇلىياڭ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىلار مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

مەھبۇبە ئابلەشنىڭ 'ئەكسىلئىنقىلابىي' دەپ قارالغان يازمىسى ھەققىدە نۆۋەتتە پەرقلىق ئىنكاسلار مەۋجۇت. بەزىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قارشى، يەنە بەزىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە خىتاينىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتىگە قارشى ماقالە يازغان. بىز بۇندىن كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا بۇ ھەقتە داۋاملىق مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.