سابىق مەھبۇس نۇرگۈل توختى ئۇچتۇرپان قاماقخانىسىدىكى مەھبۇسلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

ئۇچتۇرپان قاماقخانىسىدا 39 كۈن ياتقان ۋە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇچتۇرپاندىن قېچىپ بېيجىڭدا يوشۇرۇن ياشاۋاتقان نۇرگۈل توختى، قاماقخانىدىكى مەھبۇسلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

0:00 / 0:00

مۇخبىرىمىزنىڭ نۇرگۈل توختى بىلەن بولغان بۈگۈنكى سۆھبىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچتۇرپان قاماقخانىسىدىكى مەھبۇسلار يېتەرلىك مىقداردىكى ئوزۇقلىنىش، نورمال ھاۋادىن نەپەسلىنىش، تېگىشلىك سائەتلەردە دەم ئېلىش قاتارلىق ئەقەللىي مەھبۇسلار ھوقۇقىدىن مەھرۇم ياشىغاندىن باشقا، ھەر كۈنى ئېغىر تىل ھاقارەت ۋە زورلۇق-زومبۇلۇقلار ئاستىدا كۈن ئۆتكۈزمەكتە.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.