'مىڭ يىل بۇرۇن ۋە مىڭ يىل كېيىن مەخمۇت قەشقىرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى` ناملىق ئەسەر ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى

2008 - يىلى ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن دۈنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، تۈركىيىدە نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. تۈركىيىدە مەخمۇت قەشقىرىنى دۈنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئەسەرلەر نەشر قىلىندى.

0:00 / 0:00

ئۆتكەن يىلى تۈركچە نەشر قىلىنغان بۇ ئەسەرلەر، 2009 - يىلى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىشقا باشلىدى. بۇلاردىن بىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىق تارمىقىدىكى تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور شۈكرۈ خالۇق ئاقالىن يازغان `مىڭ يىل بۇرۇن ۋە مىڭ يىل كېيىن مەخمۇت قەشقىرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى` ناملىق ئەسەردۇر.

بۇ ئەسەرنى يېقىندا بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىللىرىدا نەشر قىلىپ تارقاتقان بولۇپ، ئاپتوردىن ئالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسى بىر ئاي ئىچىدە سېتىلىپ بولغان. ھازىر مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى ئىككىنچى نەشرىنى بېسىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن.

بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى شۈكرۈ خالۇق ئاقالىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.