'مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى' مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

شۋېتسىيىدىكى مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى مەۋسۇم ئاخىرلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن بالىلارنى مۇكاپاتلاش ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. پائالىيەت قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.

0:00 / 0:00

پائالىيەتكە ئۇيغۇرلاردىن سىرت ئۆزبېك جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، پائالىيەت مەزمۇنىغا ئاساسەن چەك تارتىپ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئۇتۇۋالغان بىر ئۆزبېك ئاقساقىلى ھاياجانلىق كۆڭۈل سۆزلىرىنى بىلدۈردى.

مەۋسۇملۇق دەرس ئاخىرلاشتۇرۇش پائالىيىتى ھەر يىلى ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ "مەخمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى" نىڭ 4 يىلدىن بىرى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان ئاممىۋىي پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار بۇ پائالىيەت ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە مەكتەپ سىرتىدا قالغان بالىلارنى مەكتەپكە كىرىشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

پائالىيەت بالىلارغا ئاتالغان ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.