ئەزەربەيجان تىلشۇناسلىرى:' مەھمۇت قەشقىرى بىز بىلەن بىللە ياشىماقتا'

ئەزەربەيجان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ھەر ساھەدە ئىشلىتىلىۋاتقان رۇسچە ئاتالغۇلارنى تۈركچىلەشتۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، قەدىمىي تۈركچىدە ئىشلىتىلگەن نۇرغۇن ئاتالغۇلار ھازىرقى ئەزەرىچىگە قوبۇل قىلىنغان. جۈملىدىن مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئۇلۇغ ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانىدا ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇلار كۆپلەپ ھازىرقى ئەزەرچىگە قوبۇل قىلىنغان.

0:00 / 0:00

يېقىندا ئەزەربەيجان تىللار ئۇنىۋېرسىتېتدا تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە ئۇنىڭ ئەزەربەيجانچىدىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا نوقتىلىق ھالدا تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى ئاتالغۇلار ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى ئەزەرىچىگە قوبۇل قىلىنىشى ئۈستىدە دوكلات سۇنۇلغان.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن 1991 - يىلى مۇستەقىللىكىگە ئېرىشكەن ئەزەربەيجان ھەر قايسى ساھەلەردە بولغىنىدەك تىل جەھەتتىمۇ ئەزەرى تىلىنى تاكاممۇلاشتۇرۇش ۋە سوۋېت مەزگىلىدىن بېرى قوللىنىپ كېلىۋاتقان رۇسچە ئاتالغۇلارنى تۈركچىلەشتۈرۈش خىزمىتىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا.

بۇ خىزمەتكە ئەزەربەيجان دائىرىلىرى ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولۇپ، تىلشۇناسلار ۋە كەسپ ئەھلىلىرى ھەر قايسى ساھەلەردە قوللىنىلىۋاتقان رۇسچە ئاتالغۇلارنى يوقىتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ساپ تۈركچە ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئورخۇن يېزىقلىرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى قاتارلىق قەدىمىي تۈركچە ئەسەرلەردىن ۋە يەرلىك دىئالىكتىكىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتقان بولۇپ، تۈركىي تىللار دىۋانىدا ئىشلىتىلگەن نۇرغۇن ئاتالغۇلار ھازىرقى ئەزەرىچىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ئىكەن.

يېقىندا بۇ ھەقتە ئەزەربەيجاندا بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇھاكىمە يىغىنغا ئەزەربەيجاندىكى داڭلىق تىلشۇناسلار، كەسىپ ئەھلىلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتناشقان. مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئەزەرى تىلىدىكى ئەھمىيىتى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى ئاتالغۇلار مەسىلىسى ھەققىدە مۇھىم دوكلاتلار ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن، بۇ يىغىنغا قاتناشقان باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە پەنلىرى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى رامىز ئەسكەر ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ يىغىن ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: "بۈگۈن باكۇدىكى ئەزەربەيجان تىللار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشچىلىقىدا بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. بۇنىڭغا ئۇنىۋېرسىتېت باشلىقلىرى ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتلار مەجلىسى مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى سەمەد سېيىدوف ئەپەندى قەدەم تەشرىپ قىلدى. ئۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى قىلىپ، تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ قاچان ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەزەربەيجانغا كەچ يېتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، ھازىر تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ تەتقىقاتى ھەققىدە ئەزەربەيجاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر ئۈستىدە دوكلات بەردى."

ئۇندىن كېيىن ئەزەربەيجان تىل - تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى، پروفېسسور دوكتور ئادىل بابايېف ئەپەندىمۇ ئەزەرىچىدىكى ئاتالغۇلار ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلارنى بەردى. كېيىن دوكتور ئىكرام قاسىموف ئەپەندى تۈركىي تىللار دىۋانىدا ئىشلىتىلگەن ھەربىي ئاتالغۇلار تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا 150 - 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىن ئىنتايىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى.

بىز بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا "تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى ھەربىي ئاتالغۇلار" تېمىسىدا دوكلات بەرگەن پروفېسسور دوكتور ئىكرام قاسىموف ئەپەندى بىلەن تېلىفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

پروفېسسور دوكتور ئىكرام قاسىموف ئەپەندى بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: "مەھمۇت قەشىقىرىنىڭ ئەسىرىدە قوللىنىلغان ھەربىي ئاتالغۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرمۇ ئىشلىتىلمەكتە. بۇ ئاتالغۇلارنىڭ بەزىلىرى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ ئوخشىمايدىغان شەكىللەردە ھەر قايسى تۈركىي تىللاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. ئەزەرى تۈركچىسىدە ۋە باشقا تۈركىي تىللارنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل ئاتالغۇلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. ئەمما تۈركىي تىللار دىۋانىدا ئىشلىتىلگەن باشقا يەنە نۇرغۇن ھەربىي ئاتالغۇلار بولسا ئۇنتۇلۇپ ئىشلىتىشتىن قەپ قالدى. مەسىلەن، ئەسكەر مەنىسىگە كېلىدىغان "چېرى" دېگەن سۆزنى بىز ھازىر ئىشلەتمەيمىز. ئەمما ئەينى دەۋردە "ئەسكەر"نىڭ ئورنىغا بۇ سۆز ئىشلىتىلگەن ئىدى."

"مەن دوكلاتىمدا ھەربىي ئاتالغۇلارنى ھەربىي ئۇنۋان ناملىرى، قورال - ياراق ناملىرى ۋە ھەربىي قوشۇنلارنىڭ ناملىرى قاتارلىق بىر قانچە گۇرۇپپىلارغا ئايرىدىم. تۈركىي تىللار دىۋانىدا بۇ گۇرۇپپىلاردىكى بارلىق سۆزلەرنى ئىپادە قىلىدىغان ئاتالغۇلار بار. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىر سۆزدىن تەركىب تاپقان. يەنە بەزىلىرى بولسا بىر قانچە سۆزنىڭ بىر يەرگە كېلىشى بىلەن تۈرلىنىپ چىققان. مەن مانا بۇ ئاتالغۇلارنى ھازىرقى ئەزەربەيجان تۈركچىسىگە قوبۇل قىلىش توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلارنى بەردىم."

پروفېسسور دوكتور ئىكرام قاسىموف ئەپەندى مەھمۇت قەشقىرى يازغان تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئەزەربەيجان تۈركچىسىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيېتىپ مۇنداق دېدى: "ھازىر بىز قەدىمدە ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنى قايتىدىن قوللىنىشقا باشلىدۇق. قەدىمىي تۈركچىدە ئىشلىتىلگەن ناھايىتى گۈزەل ئاتالغۇلار بار. نۇرغۇن ئاتالغۇلارنى بىز قەدىمىي تۈركچىدىن ئېلىۋاتىمىز. جۈملىدىن تۈركىي تىللار دىۋانىدىن ئېلىپ ئىشلىتىۋاتىمىز. بۇ ئاتالغۇلار ئورخۇن ئابىدىلىرىدىمۇ، تۈركىي تىللار دىۋانىدىمۇ تېپىلىدۇ. ھازىرقى ئەزەربەيجان تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى تۈركچىلەشتۈرۈشتە تۈركىي تىللار دىۋانى زور ئەھمىيەتكە ئىگە."

پروفېسسور دوكتور ئىكرام قاسىموف ئەپەندى زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا تۈركىي تىللار دىۋانىنى يازغان مەھمۇت قەشقىرىنىڭ نەۋرىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ۋە چوقۇم بىر كۈن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز ھەقلىرىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى ۋە رادىئومىز ئارقىلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا سالام يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە بۇ يىغىنغا ساھىپخانلىق قىلغان ئەزەربەيجان تىللار ئۇنىۋېرسىتېتى ئەزەرى تىلى بۆلۈمى باشلىقى ۋە ئەزەربەيجان تىل - تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئادىل بابايېف ئەپەندى بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى، يىغىندا ھەر قايسى بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىم دوكلاتلارنى سۇنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇ يەنە يىغىندا ئەزەربەيجانچىدىكى ئاتالغۇلارنى تۈركچىلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش قارارى ئېلىنغانلىقىنى ئېيىتپ مۇنداق دېدى: "بىز يىغىندا بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ تېز ۋە ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش قارارى چىقاردۇق. ھازىر ئەزەربەيجان تۈركچىسدە قەدىمىي تۈركچىدە ئىشلىتىلگەن نۇرغۇن ئاتالغۇلارنى بىز تۈركىي تىللار دىۋانىدىن قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىۋاتىمىز. ھەتتا بەزى يەرلىك دىيالىكتىكىلاردا ئىشلىتىۋاتقان سۆزلەرنىمۇ قوبۇل قىلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بارماقچىمىز. مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى ئاتالغۇلار، ماقال - تەمسىللەر، فونېتىكىلىق بىرلەشمىلەر ھەممىسى بىزگىچە يېتىپ كەلدى. يەنى ئارىدىن مىڭ يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، مەھمۇت قەشقىرى بىز بىلەن بىللە ياشماقتا."