خىتايلار يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي مائارىپنىڭ مەقسىتى نېمە؟(1)

ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆز مىللىتىگە خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بارغانسېرى تارىيىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئۇيغۇر ياش، چەتئەلگە ھىجرەت قىلغان.

0:00 / 0:00

-خىتاينىڭ مەجبۇرىي مائارىپ سىياسىتىدىكى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ سىياسەتنىڭ مەقسىتى مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەۋلادلىرىنى نادان قالدۇرۇپ، بېسىۋېلىنغان زېمىنلارنىڭ مەڭگۈلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ‏-دەيدۇ يېقىندا گوللاندىيىگە پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇر ياش مۇستاپا، ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ۋە پراكتىكا قىلىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنى يەكۈنلەپ.

Mustapa-Helil-Rabiye-Qadir-385.jpg
مۇستاپا خېلىل رابىيە قادىر خانىم بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) (RFA/Pidaiy)

مۇستاپا ۋەتەن-مىللىتىگە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش مەقسىتىدە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تېرىشقان ۋە خوتەننىڭ يىراق يېزىلىرىغا پراكتىكا قىلىپ بېرىپ، جەنۇب-شىمال ئارىسىدىكى مائارىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۈپەت-ساپاسى ۋە قىممەت قاراشلىرىدىكى روشەن پەرقلىرىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆز مىللىتىگە خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بارغانسېرى تارىيىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، چەتئەلگە ھىجرەت قىلغان.