0:00 / 0:00
ھاجىلار پەيشەنبە كۈنى يەنى، زۇلھەججىنىڭ 9-كۈنى ئارافات تېغىدىكى ئىبادەت پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مۇزدەلفىگە قاراپ ماڭغان. مۇزدەلفە پۈتكۈل ھەج پائالىيىتىدىكى ھالقىلىق باسقۇچلارنىڭ بىرى. ئۇيغۇر ھاجىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان، زۇلھەججىنىڭ 9-كۈنىدىن 10-كۈنىگە ئۆتىدىغان كېچىنى مۇزدەلفىدە تۈنەيدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن سىراجىدىن ھاجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەج پائالىيىتىنىڭ ھېكمىتى مۇزدەلفىدىكى كەچلىك مەنزىرىدە. بىز رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى ھەج پائالىيىتىنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەر قىلىش قىلىشنى كۆزلەپ، سىراجىدىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. سىراجىدىن ھاجى مەككىدىن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ھەج ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى.