مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى دارۇلھەدىس بىلىمگاھى

مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى دارۇلھەدىس بىلىمگاھى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئەڭ قەدىمى بىلىمگاھلاردىن بىرى بولۇپ، قۇرۇلغان 80 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىنبېرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نەچچە مىڭلىغان مۇسۇلمان پەرزەنتلىرى تەربىيىلەپ ۋە يېتىشتۈرۈپ كەلمەكتە. بۇ بىلىمگاھتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس.

0:00 / 0:00

مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى بۇ قەدىمىي بىلىمگاھ توغرۇلۇق كۆپرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈمىدى بىلەن، مەزكۇر بىلىمگاھتا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇلكەرىم ھاجىمغا مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

ئابدۇلكەرىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلكەرىم ھاجىم مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى دارۇلھەدىس بىلىمگاھىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: " مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى دارۇلھەدىس بىلىمگاھى 1933 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قۇرغۇچىسى پادىشاھ ئابدۇلئەزىزنىڭ ئەمرى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ بىلىمگاھ ھەر قايسى ئىسلامىي بىلىملەردە ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىشنى مەقسەت ۋە غايە قىلغان. ھازىر دارۇلھەدىس بىلىمگاھىدا 40 تىن كۆپرەك مەملىكەتنىڭ بالىلىرى ئوقۇيدۇ، ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانى 2008 - يىلى 3000 غا يەتكەن. ھەقسىز بىلىم بېرىدىغان بۇ بىلىمگاھتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتىپ - قوپۇشى، دەرسلىك كىتابلىرى مەزكۇر بىلىمگاھ تەرىپىدىن تەمىنلىنىدۇ. ئۆيلۈك - ئوچاقلىق ئوقۇغۇچىلارغا ھەر ئايدا 130دوللار، بويتاق ئوقۇغۇچىلارغا 70دوللار ئوقۇش پۇلى بېرىلىدۇ."

دارۇلھەدىس بىلىمگاھىنىڭ دەرسلىكلىرى

ئابدۇلكەرىم ھاجىم دارۇلھەدىس بىلىمگاھىنىڭ دەرسلىكلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "دارۇلھەدىس بىلىمگاھىنىڭ دەرسلىكلىرى ئاساسەن ئىسلامىي بىلىملەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، پەننى بىلىملەرمۇ بار. مەسىلەن: قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلاش، تەپسىر ۋە قۇرئاننى توغرا قىرائەت قىلىش بىلىملىرى، ھەدىس ۋە ھەدىس ئىلىملىرى، ئەقىدە ئىلىملىرى، شەرىئەت ۋە قانۇنشۇناسلىق بىلىملىرى، ئەرەب تىلى بىلىملىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئىسلام تارىخى، دۇنيادىكى دىنلار ۋە مەزھەپلەر ھەققىدە بىلىملەر، كىشىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلاردىن تاشقىرى، تارىخ، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا قاتارلىق پەننىي دەرسلىكلەر ئوقۇتىلىدۇ."

دارۇلھەدىس بىلىمگاھىنىڭ سىنىپلىرى

ئابدۇلكەرىم ھاجىم دارۇلھەدىس بىلىمگاھىنىڭ ئوقۇتۇش سىستېمىسى ۋە ئوقۇتۇش يىللىرى توغرۇلۇق مۇنداق دېدى: " دارۇلھەدىس بىلىمگاھى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، ئىنىستىتۇتى ۋە فاكۇلتېتلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ 6 يىللىق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 3 يىللىق، ئىنىستىتۇت 3 يىللىق، فاكۇلتېت 4 يىللىق بولۇپ، دارۇلھەدىسنىڭ دىپلومى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەرقايسى خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ دىپلوملىرى بىلەن بىر ئورۇندا تۇرىدۇ ۋە ئوخشاش دەرىجىدە قوبۇل قىلىنىدۇ."

دارۇلھەدىس بىلىمگاھىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار

ئابدۇلكەرىم ھاجىم دارۇلھەدىس بىلىمگاھىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "دارۇلھەدىس بىلىمگاھىدا ھازىر 10غا يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، مۇندىن بۇرۇن ھەر يىلى ئاز دېگەندە 4 - 5 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بۇ بىلىمگاھقا قوبۇل قىلىنىپ تۇراتتى، يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئانا ۋەتەندىن پاسپورت ئىشلىتىپ سىرتقا چىقىش قىيىنلىشىپ كەتكەنلىكتىن، بۇ بىلىمگاھقا قوبۇل قىلىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئازىيىپ كەتتى."