ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىللىق ئەجدادلىرىمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئىلىم - مەرىپەتكە ئالاھىدە چوڭ ئەھمىيەت بەرگەن ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور ھەسسىلەرنى قوشۇپ، ئۇنتۇلماس مىراسلارنى قالدۇرغان. ئەپسۇسكى ھازىرقى كۈندە، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى خەۋپكە ئۇچرىماقتا. بولۇپمۇ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلىنى ئۆگىتىپ تەربىيىلەش شارائىتى ھەممىلا جايدا ئوڭايلىق بولمىغانلىقىنىڭ چوڭ سەۋەبى ئۇلار تۇرغان مەملىكەتلەردە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرنىڭ بولمىغانلىقى، بولغاندىمۇ كەملىكى ئىدى.
ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ يەرلەشكەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدەك بىر چوڭ مەملىكەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇيدىغان بىرەر ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ بولمىغانلىقى بىر بوشلۇق ئىدى. يېقىندا مەككە شەھىرىدە تۇنجى ئۇيغۇر مەكتىپى ئېچىلدى. بۇ مەكتەپ يۇقىرىقى بوشلۇقنى تولدۇرغۇسى.
مەككە شەھىرىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ تەلىم - تەربىيە ئىشلىرى مەسئۇلى ئابدۇللا ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
مەكتەپ مەسئۇلى بىلەن سۆھبەت
ئابدۇللا ھاجىم مەككىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر مەكتىپىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:" ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان مەككە شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر مەكتىپى ئېچىش بۇ يەردىكى كەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بىر ئارمىنى ئىدى. مەكتەپ ئاخىرى ئېچىلدى. مەكتىپىمىز ئېچىلىپ بۈگۈن ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ بۇ يېڭى مەكتەپكە بولغان قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولماقتا. دەرسلىكلىرىمىز ھازىرچە قۇرئان كەرىم، ھەدىس، تەپسىر ۋە ئەخلاقتىن ئىبارەت بولۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ سەۋىيىسىگە مۇناسىپ ھالدا تەييارلاندى. ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت ئالتىدە كېلىپ كەچ سائەت توققۇزدا قايتىدۇ. بالىلارنىڭ ئوقۇشى، ئويناپ كۆڭۈل ئېچىشى ۋە دەم ئېلىشى ھەممىسى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان پروگراممىلار ئىچىدە بولىدۇ."
ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى يولغا قويۇلۇش ئالدىدا
ئابدۇللا ھاجىم بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:" ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىگە كەلسەك، بۇ دەرسلىك پروگراممىمىزدا بار. ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنىڭ مۇئەللىملىكىگە تاللانغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ھازىر ئېمتىھان مەزگىلىدە بولۇپ قالغان. شۇ سەۋەبتىن بۇ ھەپتە ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى كېچىكتۈرۈلدى. ئۇنى كېلىدىغان شەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمى باشلايمىز."
بۇ مەكتەپتە ھازىر 35 بالا ئوقۇيدۇ
ئابدۇللا ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى:" مەكتىپىمىزگە دەسلەپ ئىسمىنى تىزىملاتقانلار سانى 20 بولۇپ، بىرىنچى كۈنى 22 ئوقۇغۇچى كەلدى. ئىككىنچى كۈنى 28، بۈگۈن ئۈچىنچى كۈنى 35 ئوقۇغۇچى كەلدى. ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئاشىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ مەكتەپ مەككىدىكى ياقۇپ بەدەۋلەت ۋەقپ بىناسىدا ئېچىلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەك - ئىچمەكلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشلىرى شۇ ۋەخپىنىڭ ۋە بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ياردىمى تەمىن ئېتىلمەكتە. يېقىندا يەنە قىزلار ئۈچۈن مەخسۇس بىر مەكتەپ ئېچىش پىلانىمىز بار. بۇ جايدىكى كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىپىمۇ شۇ بولۇپ كەلدى."
ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت
مەككىدە يېڭى ئېچىلغان ئۇيغۇر مەكتىپىنى زىيارەت قىلىش ئەسناسىدا، بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ يېڭى مەكتەپتىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. ئاتا - ئانىلارمۇ بالىلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن يىراقتا بولغان بۇ مەملىكەتتە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن بەكمۇ خوشال بولۇپ، ھاياجانغا تولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى ئۆسمۈر بالىلار بولسىمۇ، ئاز ساندا چوڭلارمۇ كېلىپ ئوقۇۋېتىپتۇ. بۇ ھەقىقەتەن سۆيۈنۈشكە تېگىشلىك ئىش ئىدى. چۈنكى ئوقۇش، بىلىم ئېلىشنىڭ ياش بەلگىلىمىسى يوق.
بۇ مەكتەپكە ئوقۇغۇچى بولۇپ كەلگەن چوڭلاردىن ئابدۇل مۇتەللىپ ھاجىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى:" ئىلگىرى يۇرتىمىزدا ئوقۇش شارائىتىمىز ياخشى بولمىغانلىقتىن، دىنىي جەھەتتە ھېچقانداق ساۋاتقا ئىگە بولالمىغان ئىدىم. پەقەت ئۆزلىكىمدىن قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالغان بولساممۇ، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، بىلىمىمنىڭ تۆۋەنلىكىنى، باشقىلار ئالدىدا قىرائەت قىلىشتىن خىجىل بولىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئۆزۈم ئۈن ئالغۇدىن تىڭشاپ ئۆگىنىشكە تىرىشىپ كەلگەن ئىدىم. بۇ قېتىم بۇ مەكتەپنىڭ ئېچىلىشى بىلەن بىزگە ئوخشىغانلارغا ياخشى شارائىت ھازىرلانغان بولۇپ، بۇ بىز ئۈچۈن ئاللاھنىڭ چوڭ رەھمىتى بولدى. مەن بۇ مەكتەپنى ئاچقانلارغا رەھمەت ئېتىمەن. دەرسلىكىمىزگە يەنە ئۇيغۇر ۋە ئەرەب تىللىرى قوشۇلىدىغانلىقىمۇ بىز ئۈچۈن چوڭ پۇرسەت. چۈنكى ئەرەب تىلى قۇرئان تىلى، ئۇيغۇر تىلى بىز ئۇيغۇرلارنى يوقىلىشتىن ساقلاپ قالىدىغان تىل. بۇ يەردە ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ يۈرگەن كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەيدىغانلىقى مېنى بەك ئەپسۇسلاندۇرغان ئىدى. ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى كىرگۈزۈلسە مەن ئۇنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن."