قۇرۇلتاي ئۈچ كۈن داۋام قىلىدىكەن. قۇرۇلتايغا دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلىرىدىن ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. قۇرۇلتاينىڭ ئىشتىراكچىلىرىدىن بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر ياش ئالىم سىراجىددىن ئەزىزىي بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
سىراجىددىن ئەزىزىي بىلەن سۆھبەت
سىراجىددىن ئەزىزىي نۆۋەتتىكى قۇرۇلتاي ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى: " بۈگۈن مەككىدە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللانىڭ باشچىلىقىدا، ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقىنىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا، خەلقئارا ئىسلام دىئالوگ قۇرۇلتىيى باشلاندى. بۇ قۇرۇلتاي ئۈچ كۈن داۋام قىلىدىكەن. بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئاساسىي غايىسى ئىسلام دۇنياسى ۋە ئىسلام ئۇممىتى غەربلىكلەر بىلەن بولسۇن، مەيلى باشقىلار بىلەن بولسۇن، ھەرقانداق كىشى، جەمئىيەت ۋە دۆلەت بىلەن مەيلى دىنىي جەھەتتىن، مەيلى سىياسىي جەھەتتىن ئەركىن دىئالوگ ئېلىپ بېرىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا دىندا ھېچقانداق بىر توسالغۇ يوق ئىكەنلىكىنى، ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قانداق دىن ئەھلى بىلەن چىرايلىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ئۆزئارا ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا تەشەببۇس قىلىدىغان، بېكىنمىلىكنى ياقتۇرمايدىغان، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن كۆكسىنى ئاچىدىغان ئالەمشۇمۇل بىر رەھمەت دىن ئىكەنلىكىنى، باشقىلاردىن قاچىدىغان ياكى ئۇلار ئالدىدا خۇدۇكسىرايدىغان بىر دىن ئەمەسلىكىنى، دىئالوگدا چەك - چېگرىنىڭ يوقلىقىنى شۇنداقلا بۇ دىننىڭ ماھىيىتى ۋە ئىمكانىيىتىنى غەرىبلىكلەرگە بولسۇن، مەيلى باشقىلارغا بولسۇن، ئېنىق چۈشەندۈرۈش مەقسىتىدە چاقىرىلغان بىر ياخشى قۇرۇلتاي بولدى."
قۇرۇلتايغا 500 دىن كۆپرەك ئالىم ۋە مۇتەپەككۇر ئىشتىراك قىلدى
سىراجىددىن ئەزىزىي يەنە مۇنداق دېدى: " دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 500 دىن ئارتۇق ئۆلىما ۋە مۇتەپەككۇرلار قاتناشتى. قۇرۇلتايغا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى قرال ئابدۇللا ئۆزى بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلدى ۋە قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى. قرالدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ باش مۇپتىسى، مىسىردىكى ئەل ئەزھەر ئالىي بىلىمگاھىنىڭ كاتتىسى سەييىد تانتاۋى، مەككىدىكى ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىبى ئابدلمۇھسىن تۈركىي قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن سۆزگە چىقىشتى. بۇ نۇتۇقلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىنىڭ باشقىلار بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇش، ئۆزئارا دىئالوگ ئۆتكۈزۈش، مەسىلىلەرنى ئورتاق چۈشىنىش بىلەن بىرگە ھەل قىلىشتا ئىسلام دىنىنىڭ ھەممىگە ئوچۇق، دوستلۇقپەرۋەر بىر دىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت بولدى."
قۇرۇلتايغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش رادىئوسى تەرىپىدىن قۇرۇلتايغا ئىشتىراك قىلغان سىراجىدىن ئەزىزىي يەنە باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ قۇرۇلتايغا ئىشتىراك قىلغان ۋە قىلمىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا ئاساسەن مۇنداق دېدى: " قۇرۇلتايغا ئۇيغۇرلاردىنمۇ كەلدى. ئاۋسىتىرالىيەدىن ئابدۇسالام ئابدۇلغەنى ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ۋەكىللىك قىلغان ھالدا كېلىپ قاتناشتى. تۈركىيىدىن ئىسمائىل چىنگىز تۈركىيىدىكى "شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى" ۋە ئۇ جايدىكى ئومۇمىي ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلغان ھالدا قۇرۇلتايغا ئىشتىراك قىلدى. ئۇلار دۇنيادىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر قاتارىدا، شەرقىي تۈركىستانلىق ئازسانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن "ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى"غا ئەزا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھالدا قاتنىشىش ھوقۇقى بولغانلىقتىن، ئۇلارمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلارغا ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش ۋە باشقىمۇ ۋەتەن دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە خېلى چوڭ ئىجابىي رول ئويناۋاتىدۇ."
سىراجىددىن ئەزىزىينىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتىكى قۇرۇلتاي ئىسلام ئەللىرىنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ باشقىلار بىلەن تىنچ ئۆتۈش، ئۇلار بىلەن دىن ۋە دۇنيالىق مەسىلىلەردە دىئالوگ ۋە چىرايلىق سۆھبەتلەر ئارقىلىق ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ، ئۆز ئارا بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەپ ئۆتۈشنى، شۇنداقلا ئىسلام دىنىنىڭ ئىچىگە بېكىنمە دىن ئەمەسلىكى، بەلكى قايسى دىن ۋە قايسى تەبىقىدىن بولمىسۇن، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بىردەك قۇچاق ئاچىدىغان، تىنچلىقپەرۋەر بىر دىن ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.