دەرس سۆزلەيدىغانلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەر قايسى ئالىي بىلىمگاھلىرىدا، پاكىستان ۋە مىسىر قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدە ئوقۇپ يېتىشكەن ياش ئالىملاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، دەرستە دىنىي ۋەز - نەسىھەتلەر، قۇرئان كەرىم تەپسىرى، ھەدىس شەرھى، ئىجتىمائىي بىلىملەر ۋە مەسجىد ھەرەمدە ئوقۇلغان جۈمە نامىزىنىڭ خۇتبىسى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىنىدۇ. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلىدۇ.
ياقۇب بەدەۋلەت ۋەخپىدىكى بۇ دەرس ھەر جۈمە كۈنى ناماز شامدىن باشلىنىپ خۇپتەن نامىزىغا ئەزان چىقىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. دەرسكە كەلگەنلەر ۋە نۇتۇق سۆزلىگەنلەر بىرلىكتە ئاخشاملىق تامىقىنى يەپ بولغاندىن كېيىن تارقىلىدۇ.
ۋاقتى قىسقا، مەنىسى مەزمۇنلۇق بۇ دەرس كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
دەرس ۋە ئاخشاملىق تاماق ياقۇب بەدەۋلەت ۋەخپى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرى بىۋاستە ئىشتىراك قىلىدۇ ۋە تەرتىپ ساقلاش ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ياقۇب بەدەۋلەت ۋەقپىدىكى دەرسكە مەسئۇل ئۇستازلاردىن ئابدۇلھەلىم ھاجىم بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.