مەككىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قىزلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2010 - يىلى 17 - ئىيۇل كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان قىز بالىلىرىدىن ئالاھىدە ئۇتۇق قازانغانلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. بۇ مۇراسىم سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن مۇراسىمى بولۇپ، ئۇنىڭغا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە ۋە مەككە شەھەرلىرىدىن 500دىن كۆپرەك خانىم - قىزلار ئىشتىراك قىلدى. مۇراسىمغا ئۇلۇغ مۇجاھىد مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ سەپداشلىرىدىن بولغان مەرھۇم ئالىم ھاجىمنىڭ نەۋرىسى ۋەتەنپەرۋەر زات ئابدۇللا ئالىم تۈركىستانىنىڭ ئايالى، ئەينى ۋاقىتتا جىددە شەھەرلىك قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ئامىنە خانىم بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ دىكتورى ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزىنىڭ ئايالى مەغپىرەت خانىملار رىياسەتچىلىك قىلدى.
ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ
2010.08.04

مۇراسىم ئاساسەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، توي - تۆكۈن قائىدىلىرىنى ئۆگىتىش، ئۇيغۇر تىلىغا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى بىر - بىرىگە تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتەننى ئۇنۇتماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلدى.

تۆۋەندە بۇ مۇراسىمنىڭ ئىشتىراكچىلىرىدىن بولغان نۇرىلەم خانىمنىڭ مۇراسىم ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى دىققىتىڭلارغا تەقدىم قىلىمىز. نۇرىلەم خانىم مۇنداق دېدى:

« بۇ مۇراسىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تونۇشۇشىمىز ئۈچۈن چوڭ پۇرسەت بولدى. مەككىدە شۇنچىلىك كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىدىن ھەيران بولدۇق. مۇراسىمدا ھەدە - سىڭىل قىزلىرىمىزغا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىملىرى كىيگۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمدا سۆزلەنگەن سۆزلەر ۋە ئېيتىلغان ناخشىلار ساپ ئۇيغۇر تىلىدا بولدى. مۇراسىمدا ئويۇنلارنى كۆرسەتكەن قىزلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئېيتقان ناخشىلىرى ھەممىمىزنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى تونۇتۇلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرئان كەرىمگە بولغان ھۆرمىتى ۋە پەيغەمبىرىمىزگە بولغان مۇھەببىتى گەۋدىلەندۈرۈلدى. قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادقا ئالغان ۋە ئېمتىھاندا ئۇتۇق قازانغان قىزلارغا شۇنداقلا بۇ مۇراسمدا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە مۇكاپات تارقىتىلدى. مۇراسىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا - ئانىسىنى قانداق ھۆرمەتلەيدىغانلىقى ھەققىدە شېئىرلار ئوقۇلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ توي - مەرىكىلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئەستىلىپ ئۆتۈلدى. بۇ مۇراسىمنىڭ مەقسىتى بىزنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ۋە پەرزەنتلىرىمىزگە ئۆگىتىش، تىلىمىزنى، دىنىمىزنى ساقلاشقا تەۋسىيە قىلىشتىن ئىبارەت بولدى.»

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.