ىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئەلجەزىرە» مۇخبىرىنى چىقىرىۋەتكەنلىكى تەنقىدكە ئۇچرىدى

خىتاي دائىرىلىرى «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيىسىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى مېلىسسا چاننىڭ ۋىزىسىنى ئۇزارتىپ بېرىشى رەت قىلىپ، ئۇنى خىتايدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىغان. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى ئەل جەزىرە ۋە باشقا ئاخبارات ئەركىنلىكى ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

0:00 / 0:00

بۇ ھەقتە توختالغان مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭدىن خىتاينىڭ ئاخباراتقا قاراتقان چەكلىمىنى يەنە بىر بالداق كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«مېنىڭ مۇخبىرلىق سالاھىيەتنامەم بىكار قىلىندى. خىتايدا تۇرۇپ مۇخبىرلىقىمنى يەنە داۋاملاشتۇرالمايدىغان بولدۇم.» بۇ، باش شتابى قاتاردىكى «ئەلجەزىرە» يەنى «يېرىم ئارال» تېلېۋىزىيىسىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى مېلىسسا چاننىڭ 8-ماي «تۋىتتېر» ئۇچۇر-ئالاقە تورىدا تارقاتقان ئۇچۇرى.

«ئەلجەزىرە» نىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى مېلىسسا چاننىڭ خىتايدا مۇخبىرلىق قىلىش سالاھىيەتنامىسىنى ئۇزارتىپ بېرىشىنى رەت قىلىش بىرگە، ئۇنىڭ خىتايدا تۇرۇش ۋىزا ئىلتىماسىنىمۇ جاۋابسىز قالدۇرغان.

مېلىسسا چان ئامېرىكا پۇقراسى بولۇپ، ئۇ «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيىسىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىنگلىزچە خەۋەر ئىشخانىسىنىڭ خادىمى. ئۇ، ئۆتكەن بەش يىلدىن بېرى خىتايدىكى دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنىشى، سىياسىي مەھبۇسلارنى قامايدىغان «قارا تۈرمە» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن «سەزگۈر» دەپ قارىلىدىغان تېمىلاردا كۆپلەپ خەۋەر ئىشلىگەن مۇخبىرلارنىڭ بىرى ئىدى.

بۇ ھەقتە توختالغان نيۇ-يوركتىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات-مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى بوب دېيتىز مېلىسسا مەسىلىسىدىن كېيىن خىتاينىڭ باشقا چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قاراتقان بېسىمنى ئاشۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: مېلىسسا خەۋەرنى ئادىل ئىشلەپلا قالماي، ئۇ يەنە قېيىن تېمىلاردىكى خەۋەرلەرنى تۇتاتتى. ئۇنىڭ خەۋەرلىرى كىشىلىك ھوقۇققا كۆپرەك مەركەزلەشكەن. ئەمما بىزنى ئەنسىرىتىدىغان تەرەپ بولسا خىتاينىڭ شۇنىڭ بىلەن چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قارىتىلغان بېسىمنى ئاشۇرۇشى.

مېلىسسا چاننىڭ خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى دەلىللەنگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى قاتتىق سوئاللارغا دۇچ كەلدى.

ھالبۇكى، خىتاي تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا ياپتا جاۋاب بېرىپ، مېلىسسا چاننىڭ خىتاي قانۇنىنى بۇزغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچى خوڭ ليې مۇنداق دېدى: چەتئەل مۇخبىرلىرى خىتايدىكى قائىدە-قانۇنلارغا بويسۇنۇشى كېرەك.

ئۇ، مېلىسسا چاننىڭ قايسى قانۇننى بۇزغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا ئەگىتىپ جاۋاب بېرىپ: مەنچە مۇناسىۋەتلىك مۇخبىرلار ئۆزلىرىنىڭ قانداق قائىدە-تۈزۈملەرنى بۇزغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ، دېدى.

مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىدىكى بوب دېيتىز ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قائىدىنى بۇزغان چەتئەل مۇخبىرلىرى بولماستىن، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: 2008-يىلدىكى ئولىمپىك يىغىننىڭ ئالدى-كەينىدە خىتاي دائىرىلىرى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا خىتايدا بىمالال خەۋەر بېرىش ئەركىنلىكى بېرىدىغانلىقى ۋەدە قىلغان. ئەمما، شۇندىن كېيىنمۇ خىتايدا چەتئەل مۇخبىرلىرى پاراكەندىچىلىك، توسقۇنلۇق ۋە ھەتتا زوراۋانلىققا ئۇچرايدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ خىتاينىڭ يۇقىرىقى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى. بۇ ھەقتە توختالغان باياناتچى مارك تونېر مۇنداق دېدى: بىلىشىمىزچە ئۇ، خىتاينىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئەركىن خەۋەر بېرىشكە بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بەلگىلىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قائىدە-قانۇنلىرىغا ئاساسەن خەۋەر ئىشلىگەن.

مارك تونېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلا مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ مېلىسسا چاننىڭ مۇخبىرلىق ساياھىتىنى يېڭىلاپ بەرمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغان.
خىتاي دائىرىلىرى مېلىسسا چاننىڭ نېمە ئۈچۈن خىتايدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن بولسىمۇ، ئۆتكەن يىلى نويابىردا «ئەلجەزىرە» ئىشلەپ تارقاتقان خىتايدىكى مەھبۇسلارنىڭ ھاياتى، ئۇلارنىڭ قۇللارغا ئوخشاش قاتتىق ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقى، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن كىرىم قىلغانلىقى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق چىشىغا تەككەن ئىكەن. «ئەلجەزىرە» نىڭ باياناتىغا قارىغاندا، مېلىسسا چان بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە قاتناشمىغان. ئەمما خىتاي مېلىسسا چاننى خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۆچىنى ئالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەمما بوب دېيتىزنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى چۈشەندۈرۈشى يەنىلا مۈجمەل ئىكەن.

مېلىسسا چان 1998-يىلىدىن بۇيان خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان تۇنجى چەتئەل مۇخبىرى. 1998-يىلى خىتاي دائىرىلىرى بىر گېرمان ۋە بىر ياپون مۇخبىرىنى خىتايدىن چىقىرىۋەتكەن. مېلىسسا چاننىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىشى بىلەن «ئەلجەزىرە» بېيجىڭدىكى ئىنگلىزچە خەۋەر مەركىزىنى تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتايدا كۆپىنچە مەتبۇئات خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپلا قالماي، ئۆز پىكرىنى ئەركىن ئىپادىلىگەن ھەرقانداق يازغۇچى-شائىر ۋە مۇخبىر-ژۇرنالىستلار جازاغا تارتىلىدۇ.

چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسلىرىمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى 20دىن ئاشىدىكەن.

بوب دېيتىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قارىغاندا خىتاي ئىچىدىكى مۇخبىرلار تېخىمۇ ئېغىر ئەھۋالدا بولۇپ، خىتاي نۆۋەتتە ھوقۇق ئالمىشىش باسقۇچىدا تۇرغان بولغاچقا دۆلەت ئىچىدىكى ئاخبارات قاتتىق كونترول قىلىنىپلا قالماي، خىتايدا مۇخبىرلىق قىلىۋاتقان چەتئەل مۇخبىرلىرىغا بولغان بېسىممۇ ئاشۇرۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مېلىسسا چان خىتايدىن ئاللىقاچان ئايرىلىپ ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ «تۋىتتېر» دە تارقاتقان شەخسىي ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئۇ ئالدى بىلەن ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر مەزگىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن، ئاندىن «ئەلجەزىرە» گە قايتىدىكەن.