خوتەندىكى ئالىي مەلۇماتلىق ياشلارنىڭمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تارقاتقان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ناھىيە ۋە يېزىلىرىدىن يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 400 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.

0:00 / 0:00

خوتەندىكى ئاممىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خوتەندىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت، كارخانىلارغا يۆتكەلگەن ئەمگەك كۈچلىرى ئاساسەن خوتەندىكى ئالىي مەلۇماتلىق خىزمەتسىز ئۇيغۇر ياشلىرى ئىكەن.

2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، يەنى 10-ئىيۇلدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، بۇ پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقى ھەتتا يىلدىن يىلغا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەيدىغانلار سانىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئەمەلىيەتتە -5 ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى دەل خىتاينىڭ 2006-يىلىدىن باشلاپ "ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش"باھانىسىدە ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاساس قىلىپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كارخانا، زاۋۇتلارغا مەجبۇرىي يۆتكەش سىياسىتى ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل نارازىلىقىنى ئېتىبارغا ئالمىدى، ھەتتا بارلىق ھۆكۈمەت تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە "ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئارقىدا قالغان يېزىلاردىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرى، " دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلغان ئىستراتېگىيە، ھۆكۈمەت بۇ پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدۇ" دەپ قايتا-قايتا تەشۋىقات ئېلىپ باردى.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 2009-يىلى 11-ئىيۇل بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، 2008-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ دېڭىز بويى شەھەرلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەمگەك كۈچىنىڭ 240 مىڭ ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئاساسەن ئاياق، كىيىم-كېچەك ۋە ئويۇنچۇق زاۋۇتلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، بۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ ئايلىق كىرىمىنىڭ 1000يۈەندىن 2000يۈەنگىچە ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

2010-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بىر مىليون 600 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشۇرۇلغانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئۇيغۇر ياش ئەمگەك كۈچلىرى ئىزچىل ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە نۇقتىلىق يۆتكەش ئوبيېكتى قىلىنغان ئىدى.

خوتەن ھۆكۈمەت تورىنىڭ 11-يانۋار ئېلان قىلغان، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ھەققىدىكى دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2010-يىلى ۋىلايەت تەۋەسىدىن سىرتلارغا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئۆتكەن يىلدىكىدىن 9% كە يېقىن ئۆرلەپ 400 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. خەۋەردە يەنە، دېھقانلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىن سىرتلارغا يۆتكىلىپ ئىشلەش جەريانىدا كىشى بېشىغا 700 يۈەن ئەتراپىدا ئارتۇق تاپاۋەت قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، لېكىن خەۋەردە بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە بىۋاسىتە يۆتكەلگەنلەر سانىنى ئاشكارىلىمىغان.

خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسى جاھانباغ يېزىسىنىڭ بىر كادىرى، ئۆز ناھىيىسى ۋە خوتەننىڭ باشقا جايلىرىدىن خىتاي ئۆلكىلەرگە يۆتكىلىۋاتقانلارنىڭ ئاساسلىق سالمىقىنى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئالىي مەلۇماتلىق ياشلار ئىگىلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ۋىلايەتتە ئۇلارغا مۇۋاپىق ئىش ئورنىنىڭ كاملىقىنى بىلدۈردى.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىكى بىر دېھقانمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا، ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەنلەرنى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە قارارىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ۋە بۇنى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويماقچى ئىدى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ بۇ قارارنى قانداق تۈردە ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەر نەزىرىدە يەنىلا گۇمانلىق.

ۈنكى، خوتەن ۋىلايىتىدە يېڭىدىن پۈتكەن قەشقەر-خوتەن تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى گەرچە، نۇرغۇن ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولغان بولسىمۇ، مەزكۇر قۇرۇلۇشتىكى ئىش پۇرسىتى يەنىلا يەرلىك دېھقانلار ۋە ئىشسىزلار ئەمەس، بەلكى خىتاي كۆچمەن ئىشچىلارغا بېرىلگەن. بۇ ھەقتە كېيىنكى پروگراممىمىزدا داۋاملىق مەلۇماتلار يەتكۈزىمىز.