قەيسىرىدىكى ئەھمەد يەسەۋى مەھەللىسىدىكى 44-كوچىنىڭ ئىسمى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى مەمەت جانتۈرك ئەپەندىنىڭ ئىسمىغا ئۆزگەرتىلدى. ئۆتكەن ھەپتە قەيسىرى شەھەر باشلىقى مەمەت ئۆزھاسەكىگە ۋاكالىتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن دوكتور مۇرات جاھىد جىڭگى ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى مەمەت جانتۈرك ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ باردى. يوقلاش جەريانىدا، شەھەر باشلىقى ۋەكىلى دوكتور مۇرات جاھىد جىڭگى ئەپەندى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەت چۈشۈرۈشى بىلەن ئەھمەد يەسەۋى مەھەللىسى 44-كوچىنىڭ ئىسمىنى مەمەت جانتۈرك قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنلىك خەۋىرىنى مەمەت جانتۈرككە يەتكۈزدى. ئۇ، مەمەت جانتۈرك ئەپەندىنىڭ 1961-يىلى قەيسىرىگە كۆچۈپ كەلگەندىن بۈگۈنگىچە بولغان 51 يىل جەريانىدا قەيسىرى خەلقىگە ئاتا ۋەتەن شەرقىي تۈركىستاننى تونۇتقانلىقى ھەم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەرد-پەريادىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن رەھمىتىنى بىلدۈردى.

ھىجرىتىنىڭ 50-يىلىدا بىر كوچىنىڭ ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتىلىشى ھافىز مەمەت جانتۈركنى ھەقىقەتەن ھاياجان ۋە پەخىرلىك ھېسسىياتقا چۆمدۈرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قەلبى ئۆز ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىش ئىلىكىدە پۇچىلىناتتى.
1960-يىللاردا جاپالىق تاغ يولى ئارقىلىق تۈركىيىگە ھىجرەت قىلغان بىرىنچى ئەۋلاد پائالىيەتچىلەرنىڭ كۆپى ھەسرەت ئىچىدە ئۆز يۇرتلىرىنىڭ نامىنى زىكىر قىلىپ تۇرۇپ جان بەرگەن بولۇپ، كېسەل كارىۋىتىدا جىسمانىي ھەم روھىي ئازاب چېكىۋاتقان مەمەت جانتۈرك ئۇلارنىڭ ھايات قالغان سەپدىشى ئىدى. ئۇلار ئەركىنلىك ۋە ئازادلىق كۈرىشى ئۈچۈن بەزىلىرى قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغان بولسا، بەزىلىرى ئاتا-ئانىسىدىن، يەنە بەزىلىرى بولسا ھەممىلا نېمىسىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئۇلار ئەنە شۇنداق ھەسرەت، يالغۇزلۇق ۋە سەرسانلىق ئىچىدە تۈركىيە چېگراسىغا كەلگىنىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارغا يېڭى ئۆيلەرنى سېلىپ قەيسىرىدە ئۇلارغا مەھەللە قۇرۇپ بەرگەن. ئەنە شۇ بىرىنچى ئەۋلاد پائالىيەتچىلەردىن مەمەت جانتۈركنىڭ تۈرك رەھبەرلىرىنىڭ كۆيۈنۈشىگە ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىشى قەيسىرىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى تەسىرلەندۈردى. تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر بۇرۇنمۇ بەزى باغچە ۋە كوچا قاتارلىقلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى ھەم ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ نامىنى بەرگەن ئىدى.

بىز مەمەت جانتۈرك ئەپەندىنىڭ بۇنچىۋالا شۆھرەتكە ئېرىشەلىشىنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن قەيسىرىدىكى ئابدۇلقادىر ئەپەندى ۋە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.