گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئامىستېردام شەھەرلىك مەدەنىيەت ئۆيى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سۆھبەتتە، گوللاندىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئەينەن ئەھۋالى، دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە پىكىرلەر بولۇندى.
سۆھبەتتە، سىياسىي پاناھلىق تىلەشنىڭ نورمال يوللىرى قانداق؟ نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ قانداق ھەق - ھوقۇقلىرى بار؟ دېگەندىن تارتىپ، لاگېرلاردىكى ياتاق - تاماق ۋە تازىلىق شارائىتلىرىنىڭ ناچارلىقى، تۈرلۈك بېسىملارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ پسىخولوگىيىلىك تەسىر قىلىۋاتقانلىقى، ئېھتىياجلىق ئورۇنلاردا قوللىنىلىدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى ماتېرىياللارنىڭ يوقلۇقى، تىل ئۆگىنىش شارائىتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرى ئىنسانىيلىق، مىللىي كىملىك ۋە دىنىي ئاڭلىق نۇقتىلار بويىچە شەرھىلىنىپ، ھەر بىر ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك غۇرۇر ۋە ۋىجدان تۇيغۇلىرى پەرۋىش قىلىندى.
سۆھبەت قىزغىن كەيپىيات بىلەن ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پائالىيەت ئەھلىدىن ئىنكاس ئالدۇق.
مەمەت توختى ئەپەندى سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن شۇ يەرگە يېقىن بىر زالدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەلەستىننى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، تۈركىيە ۋە قوشنا ئەللەردىن كەلگەن نوپۇزلۇق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتى ۋە سەمىمىي دوستلاشتى. خاتىرە رەسىمگە چۈشتى ۋە شۇ يەر ۋاقتى 17 دە ھەممەيلەن بىلەن خوشلىشىپ، بېلگىيىگە يۈرۈپ كەتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.