ئەمما ئۇ ئىككىنچى بومبىنى تاشلاش ئالدىدا تۇرغاندا، ئۇنى تۈرك ساقچىلىرى تۇتۇپ كەتكەن. ئۇ ھازىر ئەنقەرەنىڭ سىنجان رايونىدىكى سىنجان تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئېتىلغان بومبا ئوت قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بومبا بولغاچقا، خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئانچە كۆپ زىيان يەتكۈزەلمىگەن. تۈرۈك ساقچىلىرى بۈگۈنگىچە مۇخبىرلارنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يېقىنلاشتۇرمايۋاتىدۇ.
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر 7 كۈندىن كېيىن سوتقا ئېلىپ چىقىلىدىكەن.
مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەندە، ئۆزىگە ئوت قويۇپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ، بەدىنىگە بېنزىن چېچىپ، ئوت ياققاندا تۈرك ساقچىلىرى ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى بىلەن ئۆچۈرۈۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئېغىر يارىلانغان ئىدى.
مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر يەنە 2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئىستانبۇلدا بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر قانداق بىر كىشى؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن بۇ يولنى تاللىغان؟ ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلايتتى؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئايالى ۋە دوستلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.