ئۆزىگە ئوت قويغان مەمەت تۇرسۇن بىلەن ئەنقەرە نەمۇنە دوختۇرخانىسىدا سۆھبەت

8 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئۆزىگە ئوت قويغان مەمەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بەدىنى ئېغىر دەرىجىدە كۆيگەن بولغاچقا بۈگۈنگىچە خۇدىنى يوقاتقان ھالدا ئەنقەرەدىكى نەمۇنە دوختۇرخانىسىنىڭ ياتاقخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان ئىدى.

0:00 / 0:00

مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى 11 - ئاۋغۇست كۈنىدىن تارتىپ، كۆزىنى ئېچىپ تاماق يېيىشكە، كىشىلەر بىلەن سۆھبەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇنى داۋالاۋاتقان دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، مەمەت تۇرسۇن ئوتتۇرا دەرىجىدە كۆيگەن بولۇپ، ئۇزۇن قالماي ياتاقتىن چىقىدىكەن.

مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى ئەنقەرەدىكى نەمۇنە دوختۇرخانىسىدىكى ياتاقتا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ نامايىشتا ئۆزىگە ئوت قويۇشتىكى مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۆز ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ 60 يىلدىن بېرى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 60 يىلدىن بېرى خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا كۆيۈۋاتقانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش، شۇنداقلا ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن جېنىنى پېدا قىلالايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرسىتىش ھەمدە ئۇيغۇر خەلقىغە ئۈمىد بېرىش ئۈچۈن ئۆزىگە ئوت قويغانلىقىنى ئېيتتى.

مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى 1968 - يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۇچا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن. ئۇنىڭ 3 بالىسى بار بولۇپ ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ "شەنلىك ئۇيغۇر ماگىزىنى" نامىدا بىر دۇكىنى بار بولۇپ، ئاران تۇرمۇشىنى قامداپ ياشىماقتا. مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى تۈركىيىگە كېلىپ 6 يىلدىن كېيىن ئايىلىنى، 9 يىلدىن كېيىن 2 بالىسىنى ۋەتەندىن ئېلىپ چىقالىغان.

مەمەت تۇرسۇن بىلەن نەمۇنە دوختۇرخانىسىدىكى ياتاقتا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.