"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىش سەۋەبلىك، بۇ دېلو ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىدى. تۈنۈگۈن تاسادىپىي پۇرسەتتە بىز مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ ئانىسى سەمەرخان ئوبۇل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇق.
ئوغلىنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئېغىر روھى ئازاب تۈپەيلىدىن سالامەتلىكىدىن ئايرىلىپ كۆپ قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا مەجبۇر بولغان سەمەرخان ئوبۇل خانىم ئۆز ھەسرىتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
سەمەرخان ئوبۇل خانىم كېلىنى دىلبەر توختى ۋە قۇدىسى توختى ھوشۇرنىڭ مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ سوراق جەريانىدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتىلگەنلىكى ئۈستىدىن، كۆپ قېتىم ئەرز قىلغان بولسىمۇ لېكىن ھۆكۈمەت ۋە ساقچى تەرەپنىڭ تەھدىتى ھەم بېسىمى سەۋەبلىك، ھازىر ئەرز قىلىشتىن ۋاقتىنچە توختاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئوغلىنىڭ ناھەق ئۆلۈمى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئەرز قىلىشتىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز بۇنىڭدىن بەش ئايلار ئىلگىرى، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تېلېفوننى ئېتىۋېتىشتىن ئىلگىرى دىلبەر توختىنىڭ دادىسى توختى ھوشۇر ئەپەندى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئىدۇق. شۇ كۈنكى سۆھبىتىمىزدە توختى ئاكا كۈيوغلى مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ ساقچىخانىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتىلگەنلىكى ۋەقەسى ئۈچۈن، قىزى دىلبەر توختى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەرز قىلىش جەريانىدا تارتقان خورلۇقلىرى ۋە ئازابلىرىنى بايان قىلىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ دېلو ئۈستىدىن ئەرز قىلىش نىيىتىدىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
توختى ھوشۇر ئەپەندى ئۆز بايانىدا يەنە ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەرز جەريانىدا يەنە ھۆكۈمەتتىن يەرلىك ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ ئەرز جەريانىدا ئۆزىنى ناھەق 15 كۈن سولاپ قويغانلىقى ۋە ساقچىلارنىڭ ئۇرۇپ يارىلاندۇرغانلىقى ئۈستىدىنمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارغا ئەرز قىلىشقا تەييارلىنىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مەمەت تۇرسۇن تاش دېلوسى توغرۇلۇق بىز بۇ يىل 6 - ئاي مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش ئىدارىسىنىڭ بۇ دېلودىن خەۋىرى بار مۇناسىۋەتلىك خادىمى، يەكەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ساقچى باشلىقى، دىلبەر توختى تۇرۇشلۇق مەھەللىدىكى ئاھالە مۇدىرلىرى قاتارلىقلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىمۇ بۇ ۋەقە ھەققىدىكى پروگراممىلىرىمىزدا بەرگەن ئىدۇق.
ئەينى چاغدا ئۇلار بىردەك مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ ساقچىخانىدا سوراق جەريانىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتىلگەنلىكى ۋەقەسىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ ئايالى دىلبەر توختى ۋە ئوغلى ئۈچۈن 60 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى، ئانىسى سەمەرخان ئوبۇلغا 50 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى تۆلەم بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ دېلونىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى، ئەمدى ئەرز قىلسا ئاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما، دىلبەر توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ساقچىلار قەشقەردىكى مەلۇم باشلىقنىڭ تۇغقىنى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلارغا پەقەت مەمۇرىي جەھەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلۈپ، ئۇلار ھېلىمۇ قانۇن بويىچە جازاغا تارتىلماي، ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىمەكتە ئىدى. بىراق، ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان تېلېفون ئالاقىلىرىغا بولغان قامال قىلىشلار تۈپەيلىدىن بىز دىلبەر توختى ھەمدە يەركەنت ناھىيىسى ۋە باشقا جايلاردىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، دېلونىڭ ئاخىرقى ھەل قىلىنىش نەتىجىسى جەريانى ھەمدە ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلارغا چارە كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدۇق.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇشۇنداق تۈرلۈك ھەقسىزلىكلەر ۋە ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ پۇقرالارنىڭ نارازىلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى، "5 - ئىيۇل نامايىشى" نىڭمۇ دەل ئەنە شۇنداق ھەر خىل نارازىلىقلارنىڭ مەسئۇلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.