مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ سوتچىغا يازغان خېتى

مەمەت تۇرسۇن ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا بىر كۈن قالغاندا ، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئۆزى ياسىغان بېنزىن بومبىسىنى تاشلىغاندىن كېيىن، قاماپ قويۇلۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىن 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى 5 يىل جىنايى ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالماسلىق شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

مەمەت تۇرسۇن ئۆز سوتى داۋام قىلىۋاتقان چاغدا بىر پارچە خەت يېزىپ ئادۋوكاتى خاقان ئاشىق ئەپەندى ئارقىلىق سوتچىغا سۇنغان.

مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر خېتىدە، خىتايلارنىڭ ئۆزىگە يۇرتى كۇچادا بېسىم ئىشلىتىپلا قالماستىن، تۈركىيىگە چىققاندىن كېيىنمۇ بېسىمغا ئۇچرىغانلىقىنى، خىتايلارنىڭ ئۆزىگە كۆپ قېتىم تېلېفون قىلىپ خىتاي ئۈچۈن ئىشلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى يازغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەمەت تۇرسۇننىڭ تۈرك سوتچىغا يازغان خېتى توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.