2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا بۇ پروگراممىنىڭ ئېچىلىشى باشلانغان بولۇپ، يىغىنغا ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇستافا ئالتۇنتاش، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋرۇ -ئاسىيا ئىنىستىتۇتى مۇدىرى پروفېسسور دوكتۇر ھاياتى تۈفەكجى، ئىستانبۇل بەيئوغلۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقى ئەخمەت مىسباھ، ئىستانبۇل شەھەرلىك كۈلتۈر ۋە ساياھەت مۇدىرى ئەخمەت ئەمرە، قازاقىستانلىق مەشھۇر رىژىسسۇر ئاسانئېلى ئاسىمۇف قاتارلىق شەخسلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
يىغىندا ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇستافا ئالتۇنتاش سۆز قىلىپ، تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار بۇ پروگراممىنى ئۇيۇشتۇرغان شەخسلەرگە تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىرگە كەلگۈسىدە تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ پروگراممىغا، ئەزەربەيجان، ئۇيغۇر ئېلى، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، باشقۇرىستان، تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق 9 دۆلەت ۋە رايونلاردىن تاللانغان 34 فىلىم ۋە 28 فىلىم ئارتىسى قاتناشتۇرۇلدى. بۇ پروگراممىغا ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن 'مەمەتنىڭ چۈشى' ناملىق فىلىممۇ قاتناشتۇرۇلدى.
ئىستانبۇل ياۋرۇ ئاسىيا ئىنستىتۇتى بۇ پروگراممىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسىتىنى ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش ئارقىلىق ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئۇ فىلىمدە مۇنداق دېيىلگەن: ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ 2010 - يىلى ياۋروپانىڭ كۈلتۈر پايتەختى بولۇشى ۋە مەدەنىي تۈرك خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت - كۈلتۈرى كىنو- فىلىم يولى ئارقىلىق ئىستانبۇلدا تونۇشتۇرۇلىشى كۈلتۈر ۋە سەنئەت ھاياتىمىزنى گۈزەللەشتۇرۇدۇ. تۈرك دۇنياسى فىلىم كۈنلىرى پائالىيىتىنىڭ 2010 - يىللىق پروگراممىسىغا قاتناشقۇچى دۆلەت ۋە رايونلارنى ئوخشاش قىممەتلىك كۈلتۈر - مەدەنىيەتلەر ئەتراپىدا ئۇچراشتۇرۇش، جانلاندۇرۇش، تىز تەرەققى قىلىۋاتقان دۇنيادا ئورتاق تارىخ ۋە ئوخشاش مەدەنىيەت يادىكارلىقلار نۇرى ئاستىدا كەلگۈسىمىزنى قۇرۇش ۋە ياۋرۇ ئاسىيا جۇغراپىيىسىگە تارقالغان مەدەنىي تۈرك ئۆلكىلىرىنىڭ يادىكارلىقلىرىنى كىنۇ - فىلىم يولى بىلەن تونۇش ۋە ئورتاقلىشىشنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. تۈرك دۇنياسى كىنو - فىلىم كۈنلىرى 2010 - يىللىق پروگراممىسىدا ئوخشاش قىممەتلىك مەدەنىيەتلەر ئەتراپىغا توپلاشقان دۆلەت - رايونلارنىڭ ئىزچىل قاتنىشىشنى تەشەببۇس قىلغان خەلقئارالىق بىر پائالىيەت بولۇپ، ' ئورتاق تىللىق فىلىم' ئارقىلىق كۈلتۈر - مەدەنىيەتلەرنى ئورتاقلىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
4 كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتنىڭ 2 - 3 ۋە 4 - كۈنلىرى بۇ پروگراممىغا قاتناشتۇرۇلغان فىلىملەر ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى مۇئەممەر قاراجا تىياتىرى، كازلىچەشمە كۈلتۈر مەركىزى، قارتال بۇلەنت ئەجەۋىت كۈلتېر مەركىزى قاتارلىق چوڭ زاللاردا ھەقسىز كۆرسىتىلدى.
پائالىيەتكە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئىشلەنگەن، يۇرت، بىبىنۇر، جازا، كېلىن، كۆچمەنلەر، خەيرى- خوش ئەلۋىدا گۇلسارى قاتارلىق 34 فىلىم قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىن مەمەتنىڭ چۈشى ناملىق ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن فىلىممۇ قاتناشتۇرۇلدى.
مەمەتنىڭ چۈشى ناملىق فىلىم پروگرامما باشلانغان بىرىنچى كۈنى ئىستانبۇل تاكىسم رايونىغا جايلاشقان مۇئەممەر قاراجا تىياتىرخانىسىدا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، 4 - كۈنى يەنە ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى كازلىچەشمە كۈلتۈر مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا كۆرسىتىلدى.
بۇ فىلىم تۈركىيىدە قانداق تەسىر پەيدا قىلىدۇ؟ مەمەتنىڭ چۈشى ناملىق فىلىم، تۈركلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى كۆزلىگەندەك ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت - كۈلتۈرىگە ۋەكىللىك قىلالامدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن فىلىمنى كۆرگەن ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سادىقجان ئىسىملىك ئۇيغۇر مەمەتنىڭ چۈشى ناملىق فىلىمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى ۋە بۇ فىلىمدىن ئالغان تەسىراتىنى سۆزلەپ بەردى.
ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن بۇ فىلىمنىڭ تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت - كۈلتۈر پائالىيىتىگە تاللاپ قاتناشتۇرۇلۇشى خۇشاللىنارلىق بىر ئىش، ئەمما بۇ فىلىمنى گەرچە ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلىدا قويۇلماي خىتاي تىلىدا قويۇلۇشى كىشىنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. چۈنكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن بولسا كېرەك، خىتايچە تەرجىمە قىلىپ ئاندىن بۇ تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت كۈلتۈر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرغانلىقىدىن، خىتاينىڭ بۇ فىلىمنى قاتناشناشتۇرۇشتا تۈركلەرنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ رەسمىيەت يۈزىدىنلا قاتناشتۇرۇۋاتغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تىلى بىلەن تۈرك تىلىنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى كۈزدە تۇتۇپ قەستەن خىتايچە تەرجىمىسىنى قاتناشتۇرغان. بۇنىڭدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۇزاقلاشتۇرۇش ۋە ئىككى مەدەنىيەتنىڭ تارىخى مۇناسىۋەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
فىلىمدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە بولسا، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىچىدىغان سۈيىمۇ يوقلۇقى، ھاكىمىيەت بۇلارنىڭ سۇ قىيىنچىلىقى بىلەن كارى بولماي، ئۇلار ئۆزلىرى چارە ئىزدەپ قۇدۇق قازغانلىقى، يەنە بىر ئىش بولسا، فىلىمدە يېزا خەلقىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن شەھەرگە ئېشەك ھارۋىلار بىلەن بېرىشى، خەلقنىڭ قاتناش شارائىتلىرىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى يەنى بۇنىڭ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى نامرات قالدۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى بۇ فىلىمدىكى بۇ كۆرۈنۈشلەر ئۇيغۇرلارنىڭ رىئال تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.