مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى قەتلى قىلىنغانلىقىنىڭ 72 يىللىقى خاتىرىلەندى

30 - ماي ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بولغان مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى قەتلى قىلىنغانلىقىنىڭ 72 يىللىقى خاتىرىلەندى ۋە مەمتىلى ئەپەندىمنىڭ ھاياتى پائالىيىتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

0:00 / 0:00

خاتىرىلەش پائالىيىتىدە يەنە، سىدنېي شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان سىدنېي ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقى بىرلىكتە خاتىرىلەندى.

خاتىرىلەش پائالىيىتى سىدنېي ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنى قۇرۇپ، 3 يىلدىن بىرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر ئېلىدە بەلگىلىك نوپۇز تىكلىگەن ئاخباراتچى سەلىمە كامال تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان.

پائالىيەت سەلىمە كامال خانىمىنىڭ مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ھايات پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ قەتلى قىلىنىشى ھەققىدىكى قىسقىچە بايانلىرى بىلەن، شۇ جاي ۋاقتى 30 - ماي چۈشتىن كىيىن سائەت 12 يېرىملار ئەتراپىدا باشلاندى.

مەلۇم بولغىنىدەك مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى 1901 - يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان، يۇرتىدىكى باۋۇدۇن ۋە ھۈسەيىن بايلار تەرىپىدىن ئېچىلغان "ھۈسەيىنىيە" مەكتىپىدە ئوقۇغان ۋە كېيىن تۈركىيىگە بېرىپ ئېلىم تەھسىل قىلغان.

خوجا نىياز ھاجى رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ئىنقىلابى غەلىبىگە ئېرىشىپ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇئەييەن دەرىجىدە ئەمىنلىك ئورنىتىلغاندىن كېيىن، مەمتىلى ئەپەندى ئانا يۇرتى ئاتۇشقا كېلىپ، مەرىپەت تارقىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ۋە ئىزچىلارقوشۇنى تەشكىللەپ يېڭى مائارىپ ئىدىيىسىنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە ۋە يېزا، بازارلىرىغىچە تەشۋىق قىلىدۇ.

مەمتىلى ئەپەندى 1937 - يىلى 30 - مايدا شېڭ سىسەي جاللاتلىرى تەرىپىدىن قەشقەر تۈرمىسىدە كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئەمدىلا 36 ياشتا ئىدى.

مەمتىلى ئەپەندى قەتلى قىلىنغانلىقىنىڭ 72 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتى بىلەن بىرلىكتە يەنە، سىدنېي شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىق مەرىكىسىمۇ بىرلىكتە خاتىرىلەندى.

خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرى مەمتىلى ئەپەندى ئەسەرلىرىدىن دېكلاماتسىيە قىلدى.

ھازىر سىدنېي ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزى شېرىنئاينىڭ دېكلاماتسىيىسى، يەنى، شېرىنئاينىڭ مەمتىلى ئەپەندىمنىڭ "بىز ئۇيغۇرنىڭ بالىلىرى" ناملىق شېئىرىنى ئىنتايىن راۋان ۋە جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلغانلىقى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى ھەيران قالدۇردى. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغانلار ئىچىدە يەنە، ئوقۇش يېشىغا ئەمدىلا توشقان ئۆسمۈر ئۇيغۇرلارمۇ بار ئىدى. ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ جانلىق دېكلاماتسىيىلىرى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئالاھىدە تۈس قوشتى.

مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان سەلىمە كامال خانىم، پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر كىملىكى مىسلىسىز كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنىدە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەمتىلى ئەپەندىدەك ئوت يۈرەك، پىداكار مائارىپچىلارنىڭ ھايات پائالىيىتىنى ئۆگىنىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

مەمتىلى ئەپەندى قەتلى قىلىنغانلىقى ۋە بىلەن ئانا تىل مەكتىپىنىڭ 3 يىللىقنى بىرلىكتە خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالغان مەمەتجان، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ھايات پائالىيىتىنى ئەسلەپ ئۆتۈش چەتئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەمەتجان ئەپەندى ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ياشايدىغان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە مەزكۇر مەكتەپنىڭ مالىيە ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇندىن 3 يىل مۇقەددەم ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىگە 30 غا يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تىزىملاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 15 نەپەرگە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئانا تىلىنى ئۆگىنىش ئۇچۇن ھەر ھەپتە ئاخىرىدا بىر قېتىم مەزكۇر مەكتەپكە يىغىلىشىدىكەن.

30 - ماي خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئاتا - ئانىلارنىڭ ئورتاق ھېس قىلغىنى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇلار ئۇيغۇر مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە سىڭدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆز پەرزەنتلىرىنى مەزكۇر ئانا تىل مەكتىپىگە ئېلىپ كېلىشىدىكەن.

بىر پەرزەنتى سىدنېي ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان دىلمۇرات ئەپەندى مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى توشۇش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان.

ئىككى پەرزەنتىنى مەزكۇر مەكتەپكە ئېلىپ كېلىپ ئۇيغۇرچە ئۆگىتىشتىكى سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغان گۈلمىرە خانىم، چەتئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر روھى بىلەن يۇغۇرۇپ چوڭ قىلىشىنىڭمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك جۈملىسىگە كىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئانا تىلىمىزنى پەرزەنتلىرىمگە ئۆگىتىش مېنىڭ بىر خىل كۈرىشىم دېدى."

سەلىمە كامال خانىم ئاخىرىدا سىدنېي ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبلىرى ۋە مەمتىلى ئەپەندى تىكلىگەن "ئۆزىنى بېغىشلاش روھى" ھەققدە توختالدى.