يېڭى مەكتەپنىڭ ئۆزگىچە مائارىپى ۋە ئەھمەد كامالغا ئوخشاش ئۇستازلىرىنىڭ ئەستايىدىل تەربىيىسى مەمتىلى توختاجىنىڭ يېڭىچە دۇنيا قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. ئۇ، بۇخىل يېڭى مائارىپنىڭ، بولۇپمۇ ھازىرقى زامان پەن - مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم رولىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، تىرىشىپ ئىلىم - پەن ئىگىلىگەن ۋە مائارىپ بىلەن خەلقىنى قۇتقۇزۇش يولىغا ئۆزىنى ئاتاشقا بەل باغلىغان.
1920 -، 1921 - يىللىرى دادىسى توختاجى بىلەن ئىلى، بورتالا، چۆچەك قاتارلىق جايلارغا بارغان مەمتىلى تەۋپىق زۇلۇم ۋە جاھالەت ئىسكەنجىسىدە ئىڭراپ ياتقان خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن تېخىمۇ كەڭ تۈردە ئۇچراشقان. 1924 - يىلى ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەندە، چۆچەكتە تۇرۇۋاتقان شائىر مەمتىلى "ئوقۇدى - ئاشتى" ناملىق مەرسىيىسىنى يېزىپ، ئەخلاقىنى پۈچەك پۇلغا ساتىدىغان جاھالەت ھامىيلىرىنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغان ۋە مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامغا بولغان ھۆرمەت تەزىيىسىنى ئىپادىلىگەن.
ئۇنىڭ "ئوقودى - ئاشتى" ناملىق شېئىرى خەلق ئىچىگە تارقىلىپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ۋە غالچىلىرىنىڭ جېنىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ يوشۇرۇن تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان. كېيىن ئۇ دوستلىرىنىڭ مەسلىھەتى ۋە ياردىمى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن. مەمتىلى توختاجى سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىر تەرەپتىن تىرىكچىلىك ئوقىتى قىلىپ؛ يەنە بىر تەرەپتىن داۋاملىق ئوقۇش ئىمكانىيەتلىرىنى ئىزدىگەن ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا موسكۋادا شەرق دارىلفۇنۇنىغا كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. بىر يېرىم يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، موسكۋادىن ئايرىلىپ قارا دېڭىز بويلىرىدىكى پورتلاردا ئاشپەزلىك، كاۋاپچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ قولىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى يەپ، ئورۇنلىغان ناخشىلىرىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىچىكىشىپ قېلىشقان تۈركىيە پاراخوت خادىملىرى ئۇنىڭ ئىزچىل ئوقۇش ئارزۇسىغا ھېسداشلىق قىلىپ، 1926 - يىلى كۈزدە ئۇنى تۈركىيىگە ئېلىپ كەتكەن.
شائىر مەمتىلى توختاجى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش مەكتىپىنىڭ قارا خىزمەتچىلىكىگە ئورۇنلاشقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دەرس ئۆتۈلۈۋاتقان سىنىپنىڭ ئىشىك، دېرىزە تۈۋىلىرىدە دەرس ئاڭلاپ يۈرۈپ ئۆزىنىڭ بىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ تۇرغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، كۈچلۈك ئىلتىماس ۋە چوڭقۇر قىزغىنلىقى مەكتەپ رەھبەرلىكىنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئېلىنغان ئېمتىھانلاردىن ئۆتۈش بىلەن ھەممىنى قايىل قىلغان مەمتىلى تەۋپىق رەسمىي ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان ۋە ئۇ بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىستانبۇل شەھەر ئەتراپىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.
شۇ مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندا ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، 30 - يىللار قۇمۇلدىن كۆتۈرۈلگەن دېھقانلار قوزغىلىڭى جىن شۇرىن ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. ھەر خىل سىياسىي كۈچلەر تەڭلا سەھنىگە چىقىپ، ئىچكى ئۇرۇش، يېغىلىقلار ئەۋجىگە چىقىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن دەۋر تەلىپى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن پۈتۈن ۋەتەن تەۋەسىدە ئويغىنىش، يېڭى مەدەنىيەت - ئاقارتىش دولقۇنى بارلىققا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلۇغۋار ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەقەززا بولغان شائىر مەمتىلى تەۋپىق 1932 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن ۋە 1933 - يىلدىن ئېتىبارەن يۇرتى ئاتۇشتا يېڭى مائارىپنىڭ تەشۋىقات ۋە تەشكىلىي خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
ناھىيىلىك مائارىپ ھەيئىتى قۇرۇپ، يېڭى مەكتەپلەرنى ئېچىشنىڭ تەشكىلىي ۋە مالىيە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغان. ئارقىدىنلا ئىككى ئايلىق كۇرس ئېچىپ، 61 - كۇرسانتنى ئوقۇتقۇچى قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدە يېڭى مەكتەپ قۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ناھىيە بازىرى ۋە يېزىلاردا جەمئىي 24 مەكتەپ بارلىققا كەلگەن. بۇ مەكتەپلەرگە دەسلەپكى قەدەمدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، ئاتۇشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭىلاش - ئاقارتىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.
شائىر مەمتىلى تەۋپىقنىڭ ناخشا تېكىستلىرى يېزىپ ئاھاڭغا سېلىشى بىلەن "بىز - مۇئەللىم"، "ۋەتەن ئۈچۈن"، "قۇتۇلۇش يولىدا"، "مۇبارەك ۋەتەن"، "ئويغان، خەلق"، "قۇتۇلدۇق"، "بىز ئۇيغۇر بالىلىرى"، قاتارلىق ناخشىلار مەيدانغا كەلگەن ۋە كەڭ تارقالغان.
مەمتىلى ئەپەندى 1935 - يىلى يازدا يۈز نەپەر ئوقوغۇچىنى تاللاپ "ئىزچىلار ئەترىتى" تەشكىللىگەن. ئەترەت ئەزالىرى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ باشلامچىلىقىدا ماش رەڭدە بويالغان بىر خىل ئۈست كىيىم، ئوخشاش سومكا ئاسقان ھالدا "ئىزچىلار مارشى" نى ياڭرىتىپ پەيزىۋات، توققۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار ۋە قەشقەر شەھەر ئەتراپىنى پىيادە ئايلىنىپ، يېڭى مائارىپنى تەشۋىق قىلغان. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەرىكىتى قەشقەردە تۇرۇۋاتقان مىللىي قوشۇن قوماندانى، مەرىپەتپەرۋەر مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. مەھمۇت مۇھىتى مەرىپەت دۈشمەنلىرىنىڭ مەمتىلى ئەپەندىگە قىلىۋاتقان تىل - ھاقارەت، ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئەسكەر چىقارغان ۋە يۇرت مۆتىۋەرلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش خېتى ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. مەمتىلى ئەپەندى بۇ خەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتۇش مەشھەدتە ئۇيۇشتۇرۇلغان چوڭ يىغىندا سۆز قىلىپ: ". . . يۇرت خەلقىنى ئاسارەتنىڭ كىشەنلىرىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مۇئەللىملىك كەسپىنى ئەڭ ئۇلۇغ كەسىپ دەپ تاللىۋالغانمەن، بەلكىم ئالتە پۇڭلۇق قوغۇشۇن ئوق بىر كۈنى مېنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىشى مۇمكىن. لېكىن مەن دەل ئاشۇ كۈننى كۈتىمەن. چۈنكى مەن ۋەتەن يولىدا، مەرىپەت يولىدا ئىسسىق قېنىمنى تۆكۈشتىن زادى قايتايمەن" دەپ، ئۆزىنىڭ پولاتتەك ئىرادىسى ۋە قەسىمىنى كۆپچىلىككە جاكارلىغان.
1937 - يىلنىڭ باشلىرىدا جاللات شېڭ شىسەي ئاق تېررورلۇق ۋەزىيىتى پەيدا قىلىپ، تەرەققىيپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنى تۈرلۈك بەتناملار بىلەن باستۇرىدۇ، قولغا ئېلىپ تۈرمىلەرگە تاشلايدۇ. شۇ يىلى ئاپرېلدا مەمتىلى ئەپەندىمۇ دەرس ئۆتۈۋاتقان يېرىدىن قولغا ئېلىنىپ، قەشقەر شەھىرىدىكى ياۋاغ تېرەكلىك تۈرمىسىگە تاشلىنىدۇ. شائىر تۈرمە تاملىرىنى جەڭگىۋار شېئىرلىرى بىلەن تولدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تىز پۈكمەس روھىنى نامايەن قىلىدۇ.
ئۇ بىر شېئىرىدا شۇنداق يازغان ئىدى:
"ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدا ئىسيان ئېتەر،
كۈندە مۇشتۇمدەك كېسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر."
شۇ يىلى ئىيۇلدا جاللات شېڭ شىسەينىڭ قان ئىچەر غالچىلىرى قەشقەرنى تاشلاپ قاچقاندا، تۈرمىگە ئوت قويۇۋېتىپ، شائىر مەمتىلى توختاجى قاتارلىق بىر تۈركۈم زىيالىيلارنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەن. شائىرنىڭ جەسىتىنى ئۇنىڭ ئاكىسى نىزامىددىن، ئوغلى رېشىت، يەنە تۆت كىشىنىڭ ياردىمىدە مەخپىي ھالدا يۇرتىغا ئېلىپ كېلىپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ قەبرىسى يېنىغا دەپنە قىلغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.