- خىتايچە 'شىنجاڭ' دەپ ئاتىلىدىغان جاي ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭكىگە پەقەت ئوخشىمايدىغان ناھايىتى مول تارىخ ۋە مەدەنىيەت بار جاي دەپ ئاڭلايتتىم، - دەپ ساياھەت تەسىراتىنى باشلايدۇ ب ب س خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۈرۈمچى، قەشقەرلەرنى زىيارەت قىلغان ژۇرنالىست بېن بروۋېت. ئۇ 'شىنجاڭ مەن ئاڭلىغاندەك ئەمەسكەن' دېگەن ماقالىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: زېمىنىنىڭ چوڭلۇقى ئىران بىلەن تەڭ بولغان بۇ رايوننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگە باردىم. ئايروپىلاندىلا كۆرۈنىدۇكى، چەتئەللىكلەر ئادەتتە خىتاينىڭ ساياھەت خەرىتىلىرىدىن ئاسان تاپالمايدىغان بۇ شەھەر، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى چوڭ شەھەر ئىكەن.
'خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ھەممە ئۇچۇر-ئالاقە ئەسلىگە كەلدى دەپ ئېلان قىلغان ئىدى'
ئۆزلىرى كېلىۋالغان خىتايلار بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا 2009 - يىلى زوراۋانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىنلا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ رايوننىڭ دۇنيا بىلەن بولغان پۈتۈن ئىنتېرنېت ۋە ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەن بولۇپ، بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنىگە كەلگەندە ، ئاندىن ھەممە ئۇچۇر-ئالاقە ئەسلىگە كەلدى دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
---- مەن تاموژنىدىن ئۆتكەندە، ---- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ----خىتاينىڭ چېگرا خادىملىرى ماڭا ئۇزۇن ۋاقىت تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ، يەنە پاسپورتىمغا بىر قارىۋېتىپ، بىر ھازادىن كېيىن كۈلۈمسىرەپ 'جۇڭگودا تۇرغان كۈنلىرىڭىزگە خوشاللىق تىلەيمەن' دېدى. مەن تاموژنىدىن چىقىپ تاكسىغا ئولتۇرغاندا، ئاللىقاچان 'ئەتە' بولغان ئىدى. ئىنسى-جىن كۆرۈنمەيدىغان يورۇق كوچىلاردىن ئۆتۈپ بىر زامانىۋى مېھمانخانىغا كەلدىم.
'بىر چوڭ مەسچىت بار جايغا كەلگەندە، ئاندىن مېزىلىك كاۋاپ ھىدىنى سەزدىم'
ئاپتور بايانىنى مۇنداق دەپ داۋاملاشتۇرىدۇ: مەن ئويغانغاندىن كېيىن، بۇرۇن كېلىپ باقمىغان بۇ ناتونۇش جايدا قانداق ساياھەت قىلىشنى ئويلىدىم. بۇ جاينىڭ يەرلىك تىلىنى ئۆگەنمىگەنگە ئېچىندىم. مەن ئازراق بىلىدىغان رۇس تىلى بۇ جايدا ئەسقاتمىدى. مەن ئالدى بىلەن كوچىلارنى ئايلىنىپ باقتىم. خىتاينىڭ شەھەرلىرىدىكىگە ئوخشاش بىنالارنى كۆردۈم، ئەتىگەندىلا چىقىپ باغچىلاردا خىتايچە ئۇسۇل ئوينايدىغان كىشىلەرنى، ئۈچ چاقلىق رىشكىلارنى، ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ يۈرۈپ تاۋۇز ساتىدىغان كىشىلەرنىمۇ كۆردۈم. خىتاي شەھەرلىرىدىكىگە ئوخشايدىغان ئىگىز بىنالار قاتارىدا بىر چوڭ مەسچىت كۆرۈندى. مەن شۇ جايغا كەلگەندە، ئاندىن مېزىلىك كاۋاپ ھىدىنى سەزدىم ۋە خىتايلارغا ئوخشىمايدىغان ئادەملەرنى كۆردۈم.
'ناھايىتى كۆپ قوراللىق قىسىملار كوچىلاردا توختىماي چارلاپ يۈرگەن، ئەمما بۇ شەھەردىكى يەرلىك خەلق پەقەت قورقمىغان'
- بۇ جايدا شەھەردە تۇرۇۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە،- دەيدۇ ئاپتور، - بۇلتۇر بۇ شەھەردە چوڭ توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىنلا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ شەھەردىن چەتئەللىكلەرنى كەتكۈزۈۋەتكەن. بۇ جاينىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەن. ناھايىتى كۆپ قوراللىق قىسىملار كوچىلاردا توختىماي چارلاپ يۈرگەن. ھەممىلا بىنادا ساقچىلار پوستا تۇرغان. ئەمما بۇ شەھەردىكى يەرلىك خەلق پەقەت قورقمىغان، يەنىلا فرانسىيە ئاچقان چوڭ دۇكان ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ ئۇششاق تىجارىتىنى قىلىۋەرگەن. پەقەت ئۇلار، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالماي تىت - تىت بولۇپ كەتكەن. چەتتىكى تۇغقانلىرى تېلېفونلىشىش ئۈچۈنلا، ھەتتا مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خىتاي شەھەرلىرىگە بارغان. مەن بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە چوڭ بازارغا كەلگەندە، ئاندىن خىتاي يېمەكلىرىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان ئوتتۇرا ئاسىياچە مېزىلىك يېمەكلەردىن ھۇزۇرلاندىم.
'دۇنيا بۇيىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن جايدىكى تۇرپان دېگەن قۇملۇقتىكى بوستاندا ئۇيغۇرلارنى كۆپ كۆردۈم'
ئاپتور بايانىنى مۇنداق دەپ داۋاملاشتۇرىدۇ: مەن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ تۇرپانغا بارغىچە، شامال كۈچى ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى، نېفىت سانائىتىگە مۇناسىۋەتلىك زاۋۇتلارنى كۆردۈم. دۇنيا بۇيىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن جايدىكى بوستانلىق دەپ ئاتىلىدىغان تۇرپاندا ئۇيغۇرلارنى كۆپ كۆردۈم، مېۋىلىرىنىڭ تەمىنى تېتىدىم، سۇلايمان مۇنارىنىمۇ كۆردۈم.
'قەشقەردىكى خەلق مەيدانىدا تېخىچە ماۋزېدۇڭنىڭ ھەيكىلى تۇرۇپتۇ'
مىنى 'ئەنگلىيە ئەۋەتكەن مۇھىم خادىم' دەپ گۇمان قىلىپ، پۇقراچە كېيىندۈرۈپ كەينىمگە سالغان ساقچىلارمۇ مەن بىلەن پويىزغا چۈشۈپ قەشقەرگە بىللە كەلدى.
قەشقەردىكى خەلق مەيدانىدا تېخىچە ماۋزېدۇڭنىڭ ھەيكىلى تۇرۇپتۇ. ئۇ جايدا، بىر خىتاي ئوقۇغۇچى بىلەن يەنە بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئېنگلىزچە تىل مەشىقى قىلىۋاتقان ئىكەن. ئۇلارنىڭ چەتئەللىك تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنلا، بۇ شەھەردىن كەتكۈزۈۋېتىلگەن ئىكەن. خىتاي ئوقۇغۇچى مەن بىلەن پاراڭلاشتى. ئۇ ساپ سىياسى گەپلەرنىلا بىلىدىكەن.
'مېھمانخانا مىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىمنى خوجايىنلىرىغا يوللاپ تۇرغانلىقىنىمۇ بىلىپ تۇردۇم'
--- مەن قەشقەردە تۇرغان مېھمانخانا، مېنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىمنى خوجايىنلىرىغا يوللاپ تۇرغانلىقىنىمۇ بىلىپ تۇردۇم، ---- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، --- مەن بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، بىر ئاز ئەركىنلىككە چىقىپ، ئاندىن ئۆزەم تەنھا ھالدا بۇ شەھەرنى ئايلاندىم.
'قەشقەردىن تاغ يوللىرى بىلەن قاراقولغا باردىم'
ئاپتور بايانىنى مۇنداق دەپ داۋاملاشتۇرىدۇ: مەن قەشقەردىن تاغ يوللىرى بىلەن قاراقولغا باردىم. يول بويى قوي، كالا، تۆگە باسقان يۈكچى ئاپتوموبىللارنى كۆردۈم. تارىختىكى ماركو پولو 'مۇز كۆل' دەپ تەسۋىرلىگەن جايدا بىر نەچچە كۈن بارىگاھتا يېتىپ قوپۇپ، ئەركىن بازارلارنى كۆرۈپ، كاۋاپتىن ھۇزۇرلاندىم.
'بۇ قېتىمقى ساياھەتتە، ساقچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا يۈرۈپ، بىخەتەر قايتىپ كەلدىم'
ئەسلىدە قىرغىزىستانغا بېرىشنى ئويلىغان ئىدىم، --- دەيدۇ بېن بروۋېت ماقالىسىدا، ---- ئەمما يەرلىك دائىرىلەر ئۇ تەرەپنى 'جىددىي' دەپ تونۇشتۇردى. ئاخىرى مەن بۇ قېتىمقى ساياھەتتە ساقچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا يۈرۈپ، بىخەتەر قايتىپ كەلدىم. خىتايچە 'شىنجاڭ' دەپ ئاتىلىدىغان بۇ جاينى خىتاينىڭكىگە پەقەت ئوخشىمايدىغان ناھايىتى مول تارىخ ۋە مەدەنىيەت بار جاي دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، شۇنداقلا يەنە، ھازىر بۇ جايدا پۈتۈن ئۇچۇر - ئالاقە ئوچۇق ھەم ئەركىن دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. ئەمما، مەن بۇ قېتىم كۆرگەن شىنجاڭ، مەن بۇرۇن ئاڭلىغان شىنجاڭ ئەمەسكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.