كىتاب، تۇركىستانىم، سېنى كۈتتۈم، فەرياد، شەرقىي تۈركىستان كېچىسى، تاڭ ئاتىدۇ، كۆچلەر، كۆكبايراق ئىشقى ۋە تۈركىستان قىزىمەن قاتارلىق ۋەكىل خاراكتېرلىك شېئىرلاردىن بولۇپ، 260 پارچە ئەتراپىدا شېئىردىن تەركىپ تاپقان.
بۇ شىئىرلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك، ۋەتەنگە بولغان سېغىنىش، ئانا تىل ۋە مىللەتكە بولغان سۆيگۈ قاتارلىق مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇندىن باشقا يەنە ، نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم بەزى شېئىرلىرىدا ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاق بولۇشقا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان بولسا، يەنە بەزى شېئىرلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدىكى كۆچمەنلىك تارىخىنى بايان قىلغان.
شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم 1957 - يىلى كۈزدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەركەن ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ دادىسى تۈرمىدە ئىدى. دادىسى سېيىت ئابدۇلۋەلى ئەپەندىگىل بىلەن ئانىسى فاتما خانىمنىڭ 3 قىز 4 ئوغۇل جەمئىي 7 پەرزەنتى بار بولۇپ، بالىلارنىڭ ئالتىنچىسى بولغان نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم 1965 - يىلى ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغان. ئۇلار 3 ئايلىق سەپەردىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، 1965 - يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن كۆچمەن دەپ قوبۇل قىلىنغان. نۇرئەلا خانىم ۋە ئائىلىسى 106 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەيسەرىدە تاماملىغاندىن كېيىن، 1974 - يىلى ئۆزىگە ئوخشاش قەيسىرىدە چوڭ بولغان ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن ھاياتىنى بىرلەشتۈرگەن ۋە 4 پەرزەنت ساھىبى بولغان.
نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم تېخى بالا ۋاقتىدىلا شېئىرغا ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، شېئىر ئوقۇشقا ۋە شېئىر يېزىشقا ئىنتايىن ھەۋەس قىلاتتى. مانا بۇ ئىشتىياقى نەتىجىسىدە، ئۇمۇ شائىرلىقتا بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدى ۋە تۈركىيىدىكى شېئىر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر، تونۇلغان بىر شائىرە بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىمنىڭ ھازىرغىچە تۈركىيىدە كۆپ ساندا شېئىر ۋە شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى كىتابخانلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولماقتا. ئۇ شېئىر يېزىشتىن باشقا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان "ئۇيغۇر تائاملىرى" ناملىق چوڭ ھەجىملىك رەسىملىك كىتابىنىمۇ نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ كىتابى تۈركىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تائام مەدەنىيىتىگە ئائىت ماتېرىيال يوق بولۇشتەك بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان ئىدى. ئۇيغۇر تائاملىرى ناملىق بۇ كىتاب كىتابخانلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.
بىز بۇ قېتىمقى پروگرامىمىزدا نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىمنىڭ مانا مۇشۇ بىر يۈرۈش كىتابلىرى ئۈستىدە ئۆزى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، دىققىتىڭلارغا بۇ سۆھبەتنى سۇنىمىز.
0:00 / 0:00