يەمەنلىكلەر نامايىشنى كېيىنرەك باشلىغان بولسىمۇ، ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرمەستىن قايتماسلىق ئىرادىسى بىلەن يولغا چىقىپ، يەمەن رەئىسى ئېلى ئابدۇللا سالىھنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ھازىر دۇنيانىڭ كۆزى لىۋىيە بىلەن يەمەندە بولماقتا.
يەمەندە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىندى
قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ يەمەن پايتەختى سانئا شەھىرىدىكى مۇخبىرى ئەھمەد شەلەفى 23-مارت چارشەنبە كۈنى سانئادىن بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: يەمەن رەئىسى ئېلى ئابدۇللا سالىھ دۆلەتنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغاندىن كېيىن، نامايىشچىلار ئۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ۋە نامايىشنى داۋام قىلدۇردى.
يەمەن رەئىسىنىڭ 2012-يىل كىرگەنگە قەدەر مەنسىپىنى داۋاملاشتۇرۇش تەكلىپىنى نامايىشچىلار قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلدى ۋە ئۇنىڭ دەرھال تەختتىن چۈشۈپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى. نامايىشچىلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ باياناتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئەسلىدە يەمەن رەئىسى قولىغا كەلگەن پۇرسەتنى كەتتۈرۈپ قويغان بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە يەمەننىڭ كاتتا ئۆلىمالىرى بىرلىشىپ يەمەن رەئىسى ئېلى ئابدۇللا سالىھنى 2012-يىلىنىڭ كىرىشى بىلەن تەڭ تەختتىن چۈشۈپ بېرىشكە خەلقى ئالەم ئالدىدا ۋەدە بېرىشكە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، يەمەن رەئىسى بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلماستىن، ئۆزىنىڭ 2013-يىلى رەئىسلىك سايلىمى بولغانغا قەدەر تەختتىن چۈشمەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ چىڭ تۇرغان ئىدى.
ئەمدى مانا ئۆزى رەت قىلغان تەكلىپنى قوبۇل قىلىشقا كۆنگەن ۋاقتىدا نامايىشچىلار ئۇنى رەت قىلدى ۋە ئۇنى دەرھال تەختتىن چۈشۈشكە چاقىردى. نامايىشچىلار ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ ھېچقانداق تەكلىپىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويدى.
يەمەن ئارمىيىسى نامايىشچىلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەمەن دۆلەت ئارمىيىسى سېپىدىكى قوماندانلارنىڭ كۆپ سانلىقى قول ئاستىدىكى ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە نامايىشچىلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن.
ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرمۇ ئىش تاشلاپ خەلق تەرەپكە ئۆتكەن. ھەتتا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى يەمەن باش ئەلچىلىرىدىنمۇ كۆپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ نامايىشچى خەلق تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، يەمەن رەئىسىدىن يۈز ئۆرۈگەن.
يەمەن رەئىسى ئېلى ئابدۇللا سالىھ نامايىشچى خەلقنى خۇددى كازافىيغا ئوخشاش ئىچكى ئۇرۇش قوزغاش تەھدىتى بىلەن قورقۇتۇشقا ئۇرۇنغان. ئەمما، خەلق ئۆزلىرىنىڭ رەئىسنىڭ ئويۇنىغا كەلمەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئاخىرقى غەلىبە ئۈچۈن چىداملىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە ئىكەن.