ئىلىم تەھسىل قىلىش مەڭگۈلۈك پەرز

ئىلىم ئالەمنىڭ چىرىغى، سىرلارنىڭ ئاچقۇچى، قەلىبلەرنىڭ نۇرىدۇر. ئىنسان قاراڭغۇلۇقتا چىراققا مۇھتاج بولغاندەك، توغرا يولدا مېڭىش ئۈچۈن ئىلىمگە مۇھتاج بولىدۇ. ئىلىم ئىنساننىڭ دىلىنى يورۇتۇپ، ئىنسانغا ئاق بىلەن قارىنى، ھارام بىلەن ھالالنى، توغرا بىلەن خاتانى ۋە ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى تونۇتىدۇ.

0:00 / 0:00

ئىلىم ئىنساننى غاپىللىق ۋە نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئالەمنى، تەبىئەتنى ۋە ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنى چۈشىنىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇراخمان ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇراخمان ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇراخمان ھاجىم ئوقۇش، ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى:" تارىختىن بېرى بىر مىللەتنىڭ تەرەققى قىلىشى شۇ مىللەتنىڭ بىلىم ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىن بولۇپ كەلدى؛ بىر مىللەتنىڭ پەن - مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشى، شۇ مىللەتنىڭ روناق تاپقان ياكى ئاجىزلاشقانلىقى، بىر دۆلەتنىڭ راۋاج تاپقان ياكى ئارقىدا قالغانلىقى، بىر دۆلەتنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقى شۇ مىللەتنىڭ بىلىم ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكى بىلەن ئۆلچىنىپ كەلدى. بىر مىللەتنىڭ پەن - مەدەنىيىتى راۋاج تاپسا، شۇ دۆلەت باي، قۇدرەتلىك بولالايدۇ. دۆلەت باي، قۇدرەتلىك بولغاندىلا خەلقمۇ كۆڭۈللۈك ياشاپ تىرىكچىلىك قىلالايدۇ. بىر مىللەت بىلىمسىزلىكتىن داۋاملىق قالاق پېتى تۇرىۋەرسە بۈگۈنكى دۇنياغا ماسلىشالماي، تارىخ سەھنىسىدىن سۈپۈرۈلۈپ، قۇمغا سىڭگەن سۇدەك تۈگىشىپ كېتىدۇ. ئوقۇپ، ئۆگىنىپ، بىلگەنلەرنى ئىشلىتىپ ماڭغاندىلا زامانغا ماسلىشىپ ماڭغىلى بولىدۇ. دۇنيادا ئىلىم - پەن ئىشلىرى تەرەققى قىلمىغان، مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن، بىلىم قۇرۇلمىسى ئاجىز مىللەت ھېچقاچان بەخت - سائادەت، پارلاق ئىستىقبال تېپىپ تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ، مەدەنىيىتى تېخىمۇ راۋاج تاپمايدۇ. ئىنسان ئىلىم نۇرى بىلەن ئۆز يولىنى يۇرۇتمىسا، نادانلىق كوچىسىدا قېلىۋېرىدۇ. ئىنسان قەلبىنىڭ نۇرى ئىلىم بىلەن قۇۋۋەتلىنىدۇ. ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتى ئىلىم بىلەن بولىدۇ. ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش ئۈچۈن، جاھاندىكى ۋەقە - ھادىسىلەرنىڭ ياخشى - يامان تەرەپلىرىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن، ئادەملەرنىڭ قەدىر - قىممىتىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن، قىسقىسى، مۇكەممەل بىر ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئىلىم ئۆگىنىش تولىمۇ زۆرۈردۇر."

دۇنيانىڭ ھازىرقى رىقابىتى ئىلىمدە

ئابدۇراخمان ھاجىم دۇنيانىڭ ھازىرقى رىقابىتى ئىلىمدە ئىكەنلىكى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى:" يىگىرمە بىرىنچى ئەسىردىكى رىقابەت ئىلىم ساھەسىدە بولماقتا. ئىنسانلار ھازىر يېڭى ئەسىرنىڭ بېشىدا ياشاۋاتىدۇ. ئىلىم - پەندە تەرەققى تاپقانلار يەنە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتىدۇ. تەرەققى تاپمىغانلار تەرەققى تاپقانلارنىڭ يېڭى خىرىسلىرىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ھەممە رىقابەت تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا بىلىم رىقابىتى، مائارىپ رىقابىتىدۇر. يېڭى ئەسىر قانداق كىشىلەرنىڭ بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇ بىلىم - تالانت ئىگىلىرىنىڭ، رىقابەت ئىگىلىرىنىڭ، تەتقىقاتچى ۋە كەشپىياتچىلارنىڭ بولىدۇ. يېڭى ئەسىر قانداق كىشىلەرگە خىرىس قىلىدۇ دېگەندە، يېڭى ئەسىر ئالدى بىلەن نادان بىلىمسىزلەرگە، ھورۇنلارغا، ئىسراپخورلارغا، ئىشقىلىپ زامان بىلەن ماسلىشالمايدىغانلارغا خىرىس قىلىدۇ."

مېنىڭچە، ھازىرقى رىقابەت دەۋرى رىقابەتكە چۈشۈشتىن قورقىدىغانلارنى، ئىلىم - مەرىپەتتىن نېسىۋىسى بولمىغان، قالاقلىق ئىچىدە ئۆمۈر سۈرگۈچىلەرنى ۋە زامانغا ماسلىشالمىغانلارنى بىر - بىرلەپ شاللاپ چىقىرىدۇ.