شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى مەنپەئەتلەر توقۇنۇشى ئۆتكۈرلەشمەكتە

شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دېڭىز تەۋەسىدە ۋيېتناملىقلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا يەنە سۈركىلىش كېلىپ چىقتى. خىتاي بىلەن ۋيېتنام ئارىسىدىكى توقۇنۇش بىر بالداق كۈچەيدى.

0:00 / 0:00

2011-يىلى 5-6-ئايلاردا خىتايلار تەرىپىدىن «جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى» دەپ ئاتالغان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى چېگرالىرىدا خىتاي بېلىقچى كېمىلىرى بىلەن ۋيېتناملىقلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ماجىرادىن كېيىن، خىتاي بىلەن ۋيېتنام ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت قايتىدىن يىرىكلەشكەن ئىدى. ۋيېتناملىقلار كۆپ قېتىم نامايىش ئۆتكۈزۈپ خىتاينى ۋيېتنام دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.

پېتروۋيېتنام ناملىق ۋيېتنامنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتىنىڭ 3-دېكابىر كۈنى ئاشكارىلىشىچە، جەنۇبىي دېڭىزدا 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋيېتنام نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ پاراخوتى بىلەن بىر بۆلۈك خىتاي بېلىقچىلىرى ئارىسىدا قايتىدىن توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرانىڭ كېڭىيىشىگە يول ئاچقان.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 4-دېكابىر ئېلان قىلغان «جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشى قىزىپ كەتتى» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋيېتنامنىڭ بىن مىن 02 ناملىق قىدىرىپ تەكشۈرۈش پاراخوتى ۋيېتنام تەۋەلىكىدىكى جەنۇبىي دېڭىزدا نېفىت بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش يولىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، بىر توپ خىتاي بېلىقچى كېمىلىرى باستۇرۇپ كەلگەن. ۋيېتنام تەرەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ، خىتاي كېمىلىرى داۋاملىق ۋيېتناملىقلارغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئاخىرى ۋيېتنام پاراخوتىغا سوقۇلۇپ، تەكشۈرۈش چەمبىرىكى ئارغامچىلىرىنى ئۈزۈۋەتكەن. ۋيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ توغرىسىدا تېخى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلمىغان.

ۋيېتنام دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەنۇبىي دېڭىزدىكى بۇ خىل ئىختىلاپلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ۋيېتنام باش مىنىستىرى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ۋيېتنام بېلىقچىلىق ئىدارىسىنىڭ ۋيېتنام دېڭىز تەۋەلىكىدە چارلاش، نازارەت قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىشىنى بۇيرۇغان. بۇ بۇيرۇق 2013-يىلى 25-يانۋاردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. ئوخشاشلا، خىتاي تەرەپتىن خەينەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ھەپتە ئىلگىرى «خەينەن ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز ساھىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆلكىلىك ساقچى ئورگانلىرىغا خەينەن دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەن چەتئەل كېمىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەن. بۇ بەلگىلىمىنىڭ 1-يانۋاردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ماجىراسىنى كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە سۈكۈت بىلەن نازارەت قىلىۋاتقان ھىندىستان تەرەپ 3-ئۆكتەبىر كۈنى بۇ جايدا ئۆزلىرىنىڭمۇ مەنپەئىتى بارلىقىنى ئېلان قىلدى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋيېتنام دېڭىز تەۋەلىكى رايونىدا ھىندىستاننىڭ تۆت جايدا نېفىت قىدىرىش ئورنى بار. ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى جوشى 3-دېكابىر مەتبۇئاتقا ئىپادە بىلدۈرۈپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق ماجىراسىغا ئارىلىشىدىغانلىقىنى، زۆرۈر تېپىلسا ئەسكەر چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ئېنېرگىيە بۆلۈمىنىڭ 2008-يىلىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي دېڭىزدىكى نېفىت زاپىسىنىڭ ئومۇمى مىقدارى 200 مىليارد سوغىدىن كۆپ بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ۋېنسۇئىلادىن قالسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بايلىق شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىن تاشقىرى، نېفىتكە بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان خىتاينىڭ كۆزىنى قىزارتىپلا قالماي، بۇ رايونغا ھىندىستاننىمۇ سۆرەپ كىرمەكتە.

جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ماجىراسى ئىلگىرى خىتاي، ۋيېتنام، كامبودژا، تايلاند، سىنگاپور، فىلىپپىن قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا داۋام قىلغان بولسا، ھازىر ھىندىستان، ھىندونېزىيە قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق دۆلەتكە چېتىلىپ، رايون ۋەزىيىتىدە سۈركىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە. بولۇپمۇ خىتاي يېقىندا يولغا قويغان يېڭى پاسپورتقا بېسىلغان خەرىتىگە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تەۋە بولغان زېمىنلارنىمۇ كىرگۈزۈۋالغانلىقى ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. ۋيېتنام ۋە فىلىپپىن ئاشكارا نارازىلىق بىلدۈردى. ھىندىستان ئۆزلىرىنىڭ خەرىتىلىرىگە يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئىلى، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇل ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ۋە رۇسىيىگە قارىتا نوپۇس تاجاۋۇزچىلىقى ئېلىپ بارسا، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىگە قارىتا دېڭىزدا زېمىن كېڭەيتىش تاجاۋۇزچىلىقى ئېلىپ بارماقتا. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشى رايون ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھلىكە ئېلىپ كېلىدۇ. ئەسلىدىنلا ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدىكى زېمىن ماجىراسى تېخى ھەل بولمىغان دەرىجىدىن تاشقىرى ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇق جېدىلىگە كىرىپ قېلىشى، كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشنىڭ بېشارىتى ھېسابلىنىدۇ.

فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 3-دېكابىردىكى «خىتاي-ھىندىستان غەيرىي رەسمىي چېگرا سۆھبىتى بېيجىڭدا باشلاندى» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ دەسلەپكى قېلىپى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. ھازىرغا قەدەر خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا چېگرا مەسىلىسى توغرىلىق 15 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئاخىرقى قېتىملىق سۆھبەت 2011-يىلى 1-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئەمما خىتاي تەرەپ مەتبۇئاتلىرى، بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى توغرىلىق ھېچنېمە ئېلان قىلمىغان. خىتاي تەشۋىقات قوراللىرىدىكى بارلىق خەۋەرلەر ھىندىستان تەرەپنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئېلىنغان. سۇمۇرغ تورىنىڭ ھىندىستان مەنبەلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنى ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى سىڭىھ خىتاي بىلەن چېگرىداش بولغان رايونلاردىكى ھەربىي بازىلارنى كۆزدىن كۆچۈرگەن. ھىندىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بۇ رايونلاردا ئەسكەر سانى زور دەرىجىدە كۆپەيتىلگەن، قوراللار يېڭىلانغان ۋە ئاۋازدىن تىز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي قۇۋۋەت تولۇقلانغان.