ئۇيغۇر ئالىمى مەرھۇم ئابباس بۇرھان ئەپەندى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر تەبىئىي پەن ئالىمى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يېتەكچىسى، ئالىي مۇھەررىر ۋە جامائەت ئەربابى ئابباس بۇرھان ئەپەندى، مۇشۇ ئاينىڭ 22 ‏- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 5 تە ئالەمدىن ئۆتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.05.24
Merhum-Abbas-Burhan-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭘﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ، ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ، ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﯨﺮ ﯞﻩ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻰ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺑﯘﺭﻫﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﯞﺍﺧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ‏- سىرتىدا تونۇلغان ئالىم مەرھۇم ئابباس بۇرھان ئەپەندى، 1932 ‏- يىلى 10 ‏- ئايدا ئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.

ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن باشلاپلا ئىلىم - پەنگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلىغان ئابباس بۇرھان ئەپەندى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا ۋە قەشقەردە تاماملىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى شۇنىڭدەك بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنېۋىرسىتېتلىرىدا بىئولوگىيە كەسىپلىرى بويىچە بىلىم تەھسىل قىلغان.

پروفېسسور ۋە ئالىي مۇھەررىر ئابباس بۇرھان ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن ھېسابلانغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، 12 يىل پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
Abbas-Borhan-we-hanimi-Mariya-Abliz-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺑﯘﺭﻫﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﻣﺎﺭﯨﻴﺎ ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ 2000 - ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

ئابباس بۇرھان ئەپەندى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش، پەن ‏- تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغان.

80 يىلغا يېقىن ھايات مۇساپىسىدا، بىلىم دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارغا ئۆرنەك تىكلىگەن ئابباس بۇرھان ئەپەندى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىلىرىدىن397 پارچىنى ئېلان قىلغان ۋە "بىلىم كۈچ" ۋە "پەن ۋە تۇرمۇش" نامىدىكى ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ نەشردىن چىقىشىغا بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلغان. ئىلىم - پەن ساھەسى بويىچە ئۇيغۇر تىلىدا 10 نەچچە پارچە كىتاب يازغاندىن باشقا، تەرجىمە قىلغان ۋە تەھرىرلىگەن كىتاب ۋە ماقالىلىرىنىڭ سانى 400 پارچىغا يەتكەن.

1984 ‏- يىلى مەرھۇم ئابباس بۇرھان ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە تەشكىللىشى نەتىجىسىدە ئۈرۈمچىدە تۇنجى پەن - تېخنىكا سارىيى قۇرۇلۇپ قەد كۆتۈرگەن، ئابباس بۇرھان ئەپەندى يەنە ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇنۋېرسىتېت ۋە پەن - تېخنىكا تەشكىلاتلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۆتكۈزۈلگەن بىئولوگىيە ساھەسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا "قۇرغاق رايونلاردىكى يېشىللىق يېزا ئىگىلىكى" ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ، ئالاھىدە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن.

ئابباس بۇرھان ئەپەندى يەنە شۇ يىللىرى، ئىتالىيە رىم ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە دۇنيا نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى، نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىزىكا ئالىمى دوكتور مۇھەممەد ئابدۇسالام ئەپەندىنىڭ شەخسى تەكلىپى بىلەن زىيارەتتە ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەردە بولغان.

بولۇپمۇ، مەرھۇمنىڭ "ھاياتلىقنىڭ سىرى"، "قۇشلار ئىنسانلارنىڭ دوستى"، "ئىرسىيەت ۋە ئىرسىيەت قۇرۇلۇشى"، "مىكرو ئورگانىزم ۋە يېزا ئىگىلىك"، "ھاياتلىق ۋە مۇھىت" قاتارلىق ئىجادىي ئەسەرلىرى ئۇيغۇرلار ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىتابلار بولۇپ، "ئىرسىيەت ۋە ئىرسىيەت قۇرۇلۇشى" دېگەن ئەسەر خىتاي بويىچە مۇنەۋۋەر كىتاب بولۇپ باھالانغان.

مەرھۇمنىڭ يەنە، يېزا ‏- ئىگىلىك ساھەسى بويىچە يازغان كىتابلىرى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ دېھقانچىلىق تېخنىكىلىرىنى ئىگىلىشىدە ئىلمىي كۆرسەتمىلىك رولىنى ئويناپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.

مەرھۇم ئابباس بۇرھان ئەپەندى، 83 ‏- يىلى پەن - تېخنىكا نەشرىياتى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ۋە "پەن ۋە تۇرمۇش" ۋە "بىلىم كۈچ " ژۇرناللىرىنى تەسىس قىلدۇرغان. بۇ ژۇرناللار نەشردىن چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەن ‏- تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىن تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن پېشقەدەم مائارىپچى زاھىر ئەپەندى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئابباس بۇرھان ئەپەندىنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئامېرىكىدىكى داڭلىق خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ئۇيغۇر زىيالىي قەيسەر مىجىت ئەپەندى، مەرھۇم ئابباس بۇرھان ئەپەندىنىڭ ئۆزىگە تەسىر قىلغان ئېسىل پەزىلەتلىرىنى ئەسلىدى.

قەيسەر مىجىت يەنە، ئابباس بۇرھان ئەپەندىنىڭ شۇنچە كۆپ نەتىجىلەرنى قازانغان ئالىم بولۇشىغا قارىماي، تولىمۇ كىچىك پېئىل، خۇشچاقچاق ۋە ياردەم سۆيەر خىسلەتلىرى بىلەن جامائەتچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قەيسەر مىجىت سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئىنسان ھامان بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا نام ‏- شەرىپى قالىدۇ، بولۇپمۇ ئابباس بۇرھان ئەپەندىگە ئوخشاش ھاياتىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگەن، خەلقىگە مەنپەئەت يەتكۈزگەن ئالىملار مەڭگۈ ياد ئېتىلىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.