مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 14 يىللىقى

بۈگۈن يەنى 2009 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 17 ‏- كۈنى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بايراقدارى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 14 ‏- يىلى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى مەرھۇمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە قۇرئان - تىلاۋەت قىلىپ، مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009.12.17
Eysa-Yusup-Aliptekin-yash-waxti-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
www.ulkum.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بايراقدارى دەپ تونۇلغان مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى ئارسلان ئالىپتېكىن مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ قەبرە بېشىدا دادىسى ھەققىدە سۆز قىلدى ۋە مەرھۇمنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

يازغۇچى ئۆمەر قۇل ئەپەندى يازغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ھايات مۇجادىلە خاتىرىلىرى' دېگەن كىتابتا يېزلىشىچە، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1901 ‏- يىلى قەشقەر يېڭىسار ناھىيىسىدە دۇنيا كەلگەن. كىچىكىدىن دىنى مەدرىسلەردە ئوقۇغان كېيىن خىتايچە ئۆگەنگەن ۋە گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كونسۇلخانىسىدا خىزمەت قىلغان.

1949 ‏- يىلى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيتى ئۇيغۇر دىيارىغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن چەتئەلگە ھىجرەت قىلغان ۋە كەشمىر يولى ئارقىلىق ھىندىستانغا كەتكەن. 1955 ‏- يىلى تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. مەرھۇم تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن سىياسى پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان.

مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن دۇنيانى ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ چىققان. مەرھۇم ئۇزۇن يىل ھارماي تالماي شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە توختاپ قالمىغان. مەرھۇم 1995 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 17 ‏- كۈنى ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

بىز مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈرمتۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Dec 17, 2009 10:43 PM

ﻣﺮﻫﯘﻡ ﯪﻟﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻤﯩﮕﻪﻥ ،ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﯰﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯖﻼ ﯬﻣﻪﺱ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺩﻩﯞﺍ ﯪﺩﯨﻤﯩﺪﯗﺭ .
ﺧﺎﺗﯧﺮﺟﻪﻡ ﻳﺎﺗﻘﯩﻦ ﯬﻱ ﯬﺯﯨﺰ ﺋﯧﻨﺴﺎﻥ !ﯰﻳﻐﯘﺭ ﯬﯞﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺰﯨﯖﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺍﺩﺍ ﯪﺧﯩﺮﻯ ﯰﺗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ .ﻗﻪﺑﺮﻩﯕﺪﻩ ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ﯴﻧﮕﻪﻱ !