مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 14 يىللىقى

بۈگۈن يەنى 2009 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 17 ‏- كۈنى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بايراقدارى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 14 ‏- يىلى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى مەرھۇمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە قۇرئان - تىلاۋەت قىلىپ، مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.

0:00 / 0:00

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بايراقدارىOpens in new window ]

دەپ تونۇلغان مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى ئارسلان ئالىپتېكىن مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ قەبرە بېشىدا دادىسى ھەققىدە سۆز قىلدى ۋە مەرھۇمنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

يازغۇچى ئۆمەر قۇل ئەپەندى يازغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ھايات مۇجادىلە خاتىرىلىرى' دېگەن كىتابتا يېزلىشىچە، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1901 ‏- يىلى قەشقەر يېڭىسار ناھىيىسىدە دۇنيا كەلگەن. كىچىكىدىن دىنى مەدرىسلەردە ئوقۇغان كېيىن خىتايچە ئۆگەنگەن ۋە گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كونسۇلخانىسىدا خىزمەت قىلغان.

1949 ‏- يىلى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيتى ئۇيغۇر دىيارىغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن چەتئەلگە ھىجرەت قىلغان ۋە كەشمىر يولى ئارقىلىق ھىندىستانغا كەتكەن. 1955 ‏- يىلى تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. مەرھۇم تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن سىياسى پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان.

مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن دۇنيانى ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ چىققان. مەرھۇم ئۇزۇن يىل ھارماي تالماي شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە توختاپ قالمىغان. مەرھۇم 1995 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 17 ‏- كۈنى ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

بىز مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈرمتۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.