مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ مۇزىكا ئەسەرلىرى ۋە سازلىرى شۋېتسىيە مۇزىكا مۇزېيىغا قويۇلماقچى

22 ‏ - ئىيۇل تالانتلىق مۇزىكانت مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. گەرچە كۈرەش ئەپەندى ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەل دەردىگە يىغلىغان، ۋەتەن ئىشقىنى كۈيلىگەن، خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىگە ئۈمىد بېغىشلىغان جەڭگىۋار ئاۋازى قۇلاق تۈۋىمىزدىن ئايرىلغىنى يوق.

0:00 / 0:00

كۈرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ نامى يالغۇز ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىلا مەشھۇر بولۇپلا قالماي، بەلكى شىۋېتسىيىدىمۇ ئەل ئارىسىغا تارالغان، شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدىمۇ تونۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ "ئاتلاندۇق"، شەرقى تۈركىستان ئىستىقلال مارشى"، "بىز" قاتارلىق بىر تۈركۈم ناخشا - مۇزىكىلىرى شىۋېتسىيەنىڭ چوڭ سەھنىلىرىدە ئوركىستىرلار بىلەن ئورۇندىلىپ، شىۋېت خەلقى ئارىسىدا زور داغدۇغا قوزغىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ناخشا - مۇزىكىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ۋە بۈگۈنكى سىياسىي تەقدىرىنى شىۋېت خەلقىگە بىلدۈرگەن ئىدى.

كۈرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ بىزگە قالدۇرغان بۇ قىممەتلىك سەنئەت مىراسلىرى ۋە مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سازلىرى بۈگۈنكى كۈندە شۋېتسىيە دۆلەتلىك مۇزىكا مۇزېيى تەرىپىدىن رەتلىنىپ مۇزېينىڭ ئېتىبارلىق بايلىقلىرى سۈپىتىدە كۆرگەزمىگە قۇيۇلۇش ئالدىدا تۇرىدۇ.

شىۋېتسىيە دۆلەتلىك مۇزىكا مۇزېيى 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمى مۇزېيلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مۇزېيدا 11500 خىلدىن ئارتۇق ھەر خىل تېمىلاردىكى ماتېرىياللار ساقلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان تۈر ساز تۈرلىرى بولۇپ، جەمئى 5500 خىلدىن ئاشقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 400 يىللىق تارىخقا ئىگە سازلارمۇ بار. ئۇيغۇر سازلىرىنىڭ ۋە بىر شەخسىنىڭ مۇزىكا ئەسەرلىرىنىڭ ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى داڭلىق مۇزىكا مۇزېيىغا قۇيۇلۇشى دۇنيادا تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ ياۋروپادا ساقلىنىشى ۋە تەتقىق قىلىنىشىدا ناھايىتى مۇھىمدۇر.

شۋېتسىيە دۆلەتلىك مۇزىكا مۇزىيىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ بارلىق ناخشىلىرىنى مۇزېي تەرىپىدىن ئېنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا شىۋېت مۇتەخەسسىسلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇزېيغا ناخشىلارنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىلىرى، كۈرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ ھاياتى، سەنئەت نەتىجىلىرى ۋە ئىدىيىسى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىنىپ قويۇلىدىكەن. بۇ ماتېرىياللار يەنە ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بىز مەرھۇمنىڭ بۇ تۇغۇلغان كۈنىدە،مەرھۇمنى قايغۇ ئىچىدە ئەسلەش بىلەن بىرگە ئۇ ئۆزى ھايات ۋاقتىدا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، شۋېتسىيە ئوركېستىرى تەرىپىدىن ئورۇندىلىپ، شۋېتسىيە مۇراسىم مۇزىكىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن "شەرقى تۈركىستان ئىستىقلال مارشى" نىڭ ئۆزى ئېيتقان نۇسخىسىنى ھۇزۇرىڭلارغا سۇندۇق. گەرچە مەرھۇم بۇ مارشنى چوڭ خور شەكىلدە ئېيتقۇزۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، مۇرادىغا يەتمەي بىز بىلەن ۋىدالاشتى. ئۇ بۇ مارشنى 2004 - يىللىق شەرقى تۈركىستان دۆلەت بايرىمىنى خاتىرىلەش كۈنىدە ئۆزى تۇنجى قېتىم ئېيتقان ئىدى.