مۇسۇل ھاجى مۇھىتى 1877 - يىلى تۇرپان ئاستانىدا تۇغۇلغان. مۇسۇل ھاجى تۇرپانغا رۇسىيىدىن ئىلغار ماشىنا ۋە تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈپ تۇنجى قېتىم پاختا زاۋۇتى قۇرغان.
ئاكىسى مەخمۇت مۇھىتى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ياپونىيىدە ئۇيغۇر داۋاسىنى داۋام قىلدۇرغان مۇسۇل ھاجى مۇھىتى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر دەۋاسىغا نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان.
يېقىندىن بۇيان ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى تېپىپ رەتلەپ ئەسەر يېزىشقا تەييارلىق قىلماقتا.
مۇسۇل ھاجى مۇھىتىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيە كاگۇشىما ئۇنىۋېرسىتېتى مۇتەخەسسىسى ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.