مەرھۇم مىللەتپەرۋەر مۇسۇل ھاجى مۇھىتى ھەققىدە

8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىغا ئاساس سالغۇچىلاردىن بىرى مۇسۇل ھاجى مۇھىتىنىڭ ۋاپات بولغان خاتىرە كۈنى. سابىق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇداپىيە مىنىستىرى مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مەرھۇم مۇسۇل ھاجى مۇھىتى 1944 - يىلى 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى توكيودا ۋاپات بولۇپ، توكيودىكى مۇسۇلمانلار مازىرىغا دەپنە قىلىنغان.

0:00 / 0:00

مۇسۇل ھاجى مۇھىتى 1877 - يىلى تۇرپان ئاستانىدا تۇغۇلغان. مۇسۇل ھاجى تۇرپانغا رۇسىيىدىن ئىلغار ماشىنا ۋە تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈپ تۇنجى قېتىم پاختا زاۋۇتى قۇرغان.

ئاكىسى مەخمۇت مۇھىتى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ياپونىيىدە ئۇيغۇر داۋاسىنى داۋام قىلدۇرغان مۇسۇل ھاجى مۇھىتى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر دەۋاسىغا نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان.

يېقىندىن بۇيان ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى تېپىپ رەتلەپ ئەسەر يېزىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

مۇسۇل ھاجى مۇھىتىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيە كاگۇشىما ئۇنىۋېرسىتېتى مۇتەخەسسىسى ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.