خىتاينىڭ مەركەز كارخانىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

«مەركەز كارخانىلىرى كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىدۇ» دېگەن نام بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن 120 دۆلەت مەبلىغى كارخانىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرىنى يەنىمۇ كەڭرى ئېچىشقا ئاتلاندى.

0:00 / 0:00

بۇ مەركەز كارخانىلىرى ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېنېرگىيە، نېفىت، نېفىت-خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتر ۋە مېتاللۇرگىيە قاتارلىق تۈرلەرگە مەبلەغ سالىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە بىڭتۇەن بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىشتا ئاۋانگارتلىق رولىنى ئوينايدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەركەز كارخانىلىرىدىن قوشۇن تەشكىللەپ ئېچىشنى جىددىيلەشتۈرۈشتەك ئىستراتېگىيىسىنىڭ مەقسىتى نېمە؟ بۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكىدەك سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىي ۋە پائالىيەتچىلەردىن مەمەت توختى ۋە ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەرنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى ئاڭلىغايسىز.