گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاينىڭ 25-كۈنى بايان قىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتى ۋە د ئۇ ق قاتارلىق تەشكىلاتلار 24-ئىيۇن كۈنى بىرلىكتە گېرمانىيە باش مىنىستىرى مەركىل خانىمغا قارىتا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەتكە بولغان زىيارىتىنىڭ تۇنجى كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ خەت گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا دىققەتنى قوزغىدى. ۋېن جياباۋ زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى ۋېنگرىيىگە بولۇپ، ئۇ 24-ئىيۇن كۈنى بۇداپېشتقا كەلگەن ئىدى. 26-ئىيۇندىن باشلاپ ئەنگلىيىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئاخىرقى قەدەم 27-28-ئىيۇندا گېرمانىيە زىيارىتىنى داۋاملاشتۇراتتى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گېرمانىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى مايا ئەپەندى گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلغاندا، مەركىل خانىمنىڭ خىتاي باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە، يىللاردىن بېرى گېرمانىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ يېپىق ھالەتتە داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمدى پەردىنى ئېچىپ، خىتاينى دۇنيا جامائىتى ئالدىدا ئاشكارا تەنقىدلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ ئەمەلىي قەدەم باسىدىغان باسقۇچقا كەلگەنلىكىنى، سۆھبەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ قويۇش بىلەنلا چەكلەنمەسلىكىنى، بەلكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوغدايدىغان ھېقىقى تۈزۈلمە بەرپا قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى 26-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان «گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينى ئوچۇق تەنقىدلىشىنى تەلەپ قىلدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى مەركىل ھۆكۈمىتىدىن خىتاي باش مىنىستىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مەركىزى تېما قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئەگەر خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى شەكىل جەھەتتىنلا تىلغا ئالسا، بۇ ئەمەلىيەتتە «ئاپەت خاراكتېرلىك بىر سىگنال بولىدۇ» دېگەن.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى مەركىل خانىمغا ئوچۇق خەت يېزىشنى د ئۇ ق تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ توغرىسىدا د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.
ۋېن جياباۋ گېرمانىيىدىكى زىيارىتىدە گېرمانىيە تەرەپ بىلەن ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ساھەلەردە بىر يۈرۈش كېلىشىملەرنى ئىمزالىماقچى بولغان. گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 27-ئىيۇندىكى خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىمقى گېرمانىيە زىيارىتى جەريانىدا يەنە، خىتاي تەرەپ بىلەن بىر سۈرە مەدەنىي ھەمكارلىقلار ئورنىتىلىدىكەن. گېرمانىيە ۋە خىتايدىكى مۇزېيلار، كۇتۇپخانىلار، ئوپېرا ئۆمەكلىرى ئوتتۇرىسىدىمۇ كېلىشىملەر تۈزىلىدىكەن. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يەنە مەدەنىي ساھەدىكى كەسپىي خادىملارنى ئۆزئارا تەربىيىلەش ۋە كىنو فىلىملىرى ئالماشتۇرۇش ساھەسىدىمۇ ھەمكارلىقلار ئورنىتىلىدىكەن. 2012-يىلى گېرمانىيىدە «خىتاي مەدەنىيەت يىلى پائالىيىتى» ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن.