ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى پىسكولوگىيە ئاكادېمىيىسىنىڭ بىناسىدا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

2011-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە ئېچىلغان ئېچىلىش مۇراسىمىغا، گېرمانىيە زامانداش رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كنۇتىڭگەر ئەپەندى رەپىقىسى بىلەن قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان. كېيىن ميۇنخېن پىسكولوگىيە ئاكادېمىيىسى كۆرگەزمە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇدىرى كرۈگەر ئەپەندى، ئادۋوكات ئالبېرت گورىڭ ئەپەندىلەر قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

merwayit-hapiz-resim-korgezmisi-echilish-308.jpg
ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلىش مۇراسىمى. 2011-يىلى 10-ئاپرېل، گېرمانىيە. (RFA/Erkin Tarim)

بۇلاردىن باشقا فرانسۇز سەنئەتكار فرانكىرا خانىم، نېمىس رەسساملار، رەسىم ھەۋەسكارلىرى ۋە ميۇنخېندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. 54 پارچە ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىگە قويۇلغان بولۇپ، رەسىملەرنىڭ كۆپىدە، يىپەك يولىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈگۈنلىرىدىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىخى جايلار، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ ۋە ئادىتى، كارۋانلار، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئۆيلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. كۆرگەزمە جەمئىي 6 ھەپتە داۋام قىلىدىكەن.

merwayit-hapiz-resim-korgezmisi-echilish-murasimi-385.jpg
ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلىش مۇراسىمى. 2011-يىلى 10-ئاپرېل، گېرمانىيە. (RFA/Erkin Tarim)

بىز كۆرگەزمە ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى بارات قۇربان ۋە رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىملار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.