0:00 / 0:00
مەرۋايىت ھاپىز تارىختىن بۇيان مەزكۇر كۆرگەزمىگە قاتناشقان ۋە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان تۇنجى ئۇيغۇر رەسسامى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆرگەزمىگە ياۋروپا ئەللىرى ۋە بىر قىسىم شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىدىكى رەسساملارمۇ ئەسەر ئەۋەتكەن. كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەر رەسمىي باھالىغۇچى ۋە ئەسەر تاللىغۇچىلار كومىتېتى تەرىپىدىن تاللانغان ئەسەرلەر ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مەرۋايىت ھاپىز بىلەن ئۇنىڭ مەزكۇر كۆرگەزمە ھەققىدە ئويلىغانلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر گۈزەل سەنئىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنى ئاڭلىغايسىلەر.