2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىگە ئوت يېقىش پائالىيىتى جەريانىدا تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 1000 دىن ئارتۇق كىشى ئولىمپىك مەشئىلىگە ئوت يېقىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىستانبۇلنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان سۇلتان ئەھمەت مەيدانىغا كېلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى.
بۇ نامايىشتا بىر قانچە ئۇيغۇر ۋە تۈرك ياشلىرى ئايرىم - ئايرىم ئورۇندا ئولىمپىك مەشئىلىنى توسۇپ قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى شۇئار توۋلىدى. بىر قىسىم ياشلار مەشئەلنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنغاندا خىتاي ۋە تۈركىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچراپ تۇتقۇن قىلىندى. بۇ ۋەقەدە 6 نەپەر ئۇيغۇر 12 نەپەر تۈرك بولۇپ جەمئىي 18 نەپەر كىشى قولغا ئېلىندى.
بىز، ئولىمپىك مەشئىلى ئىستانبۇلدىن كەتكەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
0:00 / 0:00