خىتاينىڭ 'مەشرەپ'نى ب د ت مەدەنىي مىراس تىزىملىكىگە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى رەت قىلىندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مەدەنىيەت كومىتېتى يەنى UNESCO تەرىپىدىن ئون ئىككى مۇقام قوغدىلىدىغان مەدەنىي مىراسلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇر مەشرىپىنىمۇ قوغدىلىدىغان مەدەنىي مىراسلار قاتارىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان.

0:00 / 0:00

UNESCO بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىلتىماسنى 5 مۇتەخەسسىسكە ئەۋەتكەن. بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەشرىپىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا مۇۋاپىق شەرت شارائىــت ياراتمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىلتىماسنى رەت قىلغان. بۇ مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسيا ۋە ئافرىقا ئېنىستىتۇتى مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى دوكتور رېيچېل خاررىىس خانىمدۇر.

دوكتور رېيچېل خاررىىس خانىم، ئۇيغۇر مۇزىكىسى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى. ئۇ يازغان `

ئون ئىككى مۇقامنى قېلىپلاشتۇرۇشOpens in new window ]

` ناملىق كىتاب ئۆتكەن يىلى ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە نەشر قىلىنغان ئىدى.

دوكتور رېيچېل خاررىىس خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەشرەپنىڭ قوغدىلىنىدىغان مەدەنىي مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش تەلىپىنىڭ رەت قىلىنىشى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئۇ ئالدى بىلەن بۇ رەسمىيەتنىڭ باشلىنىشى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: "ئۆتكەن يىلى ئەتىيازدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ ئېغىز مەدەنىيىتى مىراسلىرىنى قوغداش ھەققىدىكى بىر ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ ئىلتىماستا ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى ئېغىز مەدەنىيىتى مىراسلىرىنى قوغداپ قېلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش مۇۋاپىقمۇ‏- ئەمەسمۇ ؟ بۇنىڭغا بولغان پىكرىڭلارنى يېزىڭلار دېيىلگەن. بۇنىڭدا مېنىڭ ھەيران قالغىنىم، ئىلتىماستا "مە شى لا پۇ" دەپ يېزىلغان. بۇ ئىلتىماس ئەسلىدە ئۈرۈمچىدىكى ئېغىز ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، خىتاي دۆلىتى نامىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەرگە سۇنۇلغان ئىكەن. مەن بۇ ئىلتىماسنى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم، چۈنكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان مەشرەپنى قوغداپ قېلىش ئىنتايىن زور بىر ئىش.

دوكتور رېيچېل خاررىىس خانىم ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ھەققىدە سۆز قىستۇرۇپ مۇنداق دېدى: "ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ھەققىدە سۆزلەيدىغان بولسام، ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ يەرلىك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. مەن ئۇيغۇر رايونىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان بىر قانچە قېتىملىق سەپىرىمدە كۆردۈم. قىرغىزىستان بىشكەكتىكى مەشرەپ، ئۈرۈمچىدىكى مەشرەپ، غۇلجا ۋە جەنۇبتىكى دولان مەشرىپى قاتارلىق مەشرەپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى بار. ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىشخانىسىغا بارغان ئىدىم. ئۇلار يۇقىرىقى مەشرەپ تۈرلىرىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە كۆپ خىزمەتلەرنى قىلغان."

دوكتور رېيچېل خاررىىس خانىم بۇ دوكلاتنى ھازىرلىغان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "خىتاي دۆلىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەرگە سۇنغان بۇ دوكلاتتا شۇنى بايقىدىمكى، ئۇيغۇر مۇقام مۇزىكىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام مەدىنىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، دوكلاتتا ئىسلام دېگەن سۆز بىرلا قېتىم ئۇچرايدۇ. دوكلاتتا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە سەل قارالغان. يەنى بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە، ئۇيغۇر ئەنئەنىلىرىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق دەپ قارايمەن."

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا مائارىپتا ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ مەشرەپنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ب د ت غا ئىلتىماس سۇنىشىغا قانداق قارايسىز دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: "بۇ ئىلتىماسنى باھالاش دوكلاتىمدا مەن بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرمۇ مەن بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشتا. مۇشۇ ئىلتىماس ئارقىلىق ئۇيغۇر مەشرىپىنى ساقلاپ قالغىلى بولامدۇ؟ ساقلايمەن دېسەك، قانداق شەكىلدە ساقلايمىز؟ ھازىر خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ناخشا، مۇزىكا ۋە مەشرەپلىرىنىڭ چىنلىقىنى ساقلاپ قېلىشىغا رۇخسەت قىلماي ئۆزگەرتىۋېتىشى، ساقلىنىۋاتقان نېگىزلىك مەسىلىلەردىن بىرى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مەدەنىيەت مائارىپ كومىتېتىنىڭ مەدەنىي مىراسلارنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنىڭ شەرتى، بىر مىللەتنىڭ، ئۆزى ياشاۋاتقان يەردە ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش، راۋاجلاندۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى."

دوكتور رېيچېل خاررىىس خانىم باھالاش دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " خىتايلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنغان بۇ دوكلاتقا ئۇيغۇر مەشرىپى تونۇشتۇرۇلغان سىنالغۇ لىنتىسىمۇ قويۇلغان. ئۇ لىنتىدا ھەقىقىي ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مەشرىپىنى ئەمەس، سەنئەتچىلەر يالغان ساقاللارنى تاقاپ سەھنىدە ئوينىغان بىر مەشرەپ بار ئىكەن. بۇ ھەقىقىي ئۇيغۇر مەشرىپىگە قانداقمۇ ۋەكىللىك قىلالايدۇ؟ بۇ ئاددىي بىر مىسال. ئەمما بۇ، ب د ت تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ بىر ئىش. ئىلتىماس قىلغۇچى تەرەپ يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىللىق مائارىپ دەپ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىمىگەن بولسا، مەشرەپلەرنى چەكلىمىگەن بولسا، خىتاينىڭ بۇ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ دەپ دوكلات يازغان بولاتتىم."

ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇۋاتقان ئەھۋاللارغا ھېچقانداق مۇتەخەسسىس سەل قارىيالمايدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ ئىلتىماسنى رەت قىلدىم. چۈنكى ئۇيغۇرلار قېيىن ۋەزىيەتتە تۇرسا، ئۇيغۇر مەشرىپىنىمۇ قوغدىلىدىغان مەدەنىي مىراسلار قاتارىغا كىرگۈزۈشنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىسى يوق. بۇنى قىلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.