دالاي لاما: مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ۋاستىسى ‏- تىنچلىق

دالاي لاما شىۋېتسارىيىدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن بۇددا دىنىدا تەرغىپ قىلىنغان ياخشىلىقلار ھەققىدە ئالاھىدە توختالغاندىن كېيىن": بىز نېمە ئۈچۈن ياشايمىز، مەن داۋاملىق كىشىلەرگە مەيلى سىز دىنغا ئېتىقاد قىلىڭ ياكى قىلماڭ، چوقۇم ھاياتىڭىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىڭىز كېرەك دەپ تەۋسىيە قىلىمەن. ئىنسان، ياردەم سۆيەر، راستچىل، مىھىر - شەپقەتلىك ۋە سەمىمىي بولغاندا، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمىگەندە پۇشايمانسىز ھايات كەچۈرىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە ياشىغان كىشىلەر بولسا ئاخىرى پۇشايمان ئىچىدە قالىدۇ،" دېگەن.

0:00 / 0:00

دالاي لاما، سۆزىدە يەنە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن ئىنسانلارنىڭ ماددى شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشى كۈچەيگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ خۇشاللىقنى سىرتتىن ئىزدەشكە باشلىغانلىقىنى، بىراق ئەسلىدە ھەقىقىي خۇشاللىقنىڭ ئىچكى تۇيغۇدىن پەيدا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تۈرمىسىگە 20 يىل قامالغان بىر تىبەتلىكنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ، ئازاپلىق تۈرمە ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرگەن بۇ تىبەتلىكنىڭ 20 يىلدىن كېيىن، درامسالاغا ساق - سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكىنى،ئېتىقاد ۋە ئىچكى تۇيغۇ ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە نىسبەتەن تىبەت ياشلىرىنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرى توغرىسىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن دالاي لاما": سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى دېموكراتىيە ئاساسىدا قۇرۇلغان، شۇڭا ئوخشاش بولمىغان كۆز - قاراش ۋە ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى مۈقەررەر، مەسىلەن، ھىندىستان تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى ئىزچىل تۈردە سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقان يوللىرىنىڭ توغرا بولمايۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە" دېگەن.

دالاي لاما، شىۋىتسارىيىدىكى مەتبۇئات مۇخبىرلىرىغا مۇنداق دېگەن": مەن ئىلگىرى خىتاي دوستلىرىمغا سابىق خىتاي رەھبىرى ماۋ زېدۇڭنىڭ 50 ‏- يىللاردا ئېيتقان سۆزىنى تەكىتلىگەن ئىدىم، يەنى ماۋ زېدۇڭ مۇنداق دېگەن ئىدى: ' كوممۇنىستىك پارتىيە چوقۇم باشقىلارنىڭ تەنقىدىگە قۇلاق سېلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشى كېرەك، بېلىق سۇدىن ئايرىلالمىغانغا ئوخشاش پارتىيە تەنقىدكە ۋە ئۆزىنى - ئۆزى تەنقىد قىلىشقا تولىمۇ ئېھتىياجلىق، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇ پارتىيىنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشى ئۇزۇنغا بارمايدۇ'. ئەمما يامان يېرى شۇكى، خىتاي رەھبىرى ماۋ زېدۇڭنىڭ بۇ سۆزلىرى ھېچقاچان ئىجرا قىلىنغىنى يوق، ئەمما سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بۇ سۆزنى ناھايىتى مۇۋاپىق بىر ئىدىيە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، ئىزچىل تۈردە ئىجرا قىلىپ كەلدى."

دالاي لامانىڭ بىلدۈرۇشىچە، كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ئەخلاقنىڭ قىممىتى تەكىتلىنىپ تۇرۇشى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، زوراۋانلىق ۋە توقۇنۇشتىن خالى بولغاندا، ئاندىن مەۋجۈت مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدىكەن. دالاي لاما ئۆزىنىڭ تىبەت ياشلىرىغا ھىسياتىنى بېسىپ، تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن مەۋجۈت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىنى ئۆگىنىش ھەققىدە داۋاملىق تەربىيە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

دالاي لاما مۇخبىرلارغا يەنە مۇنداق دېگەن" : مېنىڭ قارىشىمچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت خەلقىنى زوراۋنلىق يولىغا مېڭىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى بولسا، تىبەتلىكلەرنى تېخىمۇ كۆپ باستۇرۇش، چۈنكى غايەت زور ھەربىي كۈچكە ئىگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش ھېچنەرسە ھېسابلانمايدۇ، ئەمما مۇھىم بولغىنى، بىز مەيلى خالايلى ياكى خالىمايلى، چوقۇم خىتاي خەلقى بىلەن ئىتتىپاقلىقىمىزنى كۈچەيتىشىمىز شەرت، بىز كۈرەشنى زوراۋانسىز يول بىلەن ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك، بىزنىڭ نىشانىمىز كۆپلىگەن خىتاي يازغۇچى ۋە مۈتەخەسسىسلىرىگە ئايان بولغاچقا، بىز ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقى ۋە چۈشىنىشىگە مۈيەسسەر بوولۇپ كەلدۇق."

دالاي لاما شىۋىتسارىيىدىكى زىيارىتىنىڭ ئاخىرىدا، ئاياللارنىڭ يۈكسەك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى شەرھىلەپ" : ئاياللار ئەزەلدىن مىھىر - شەپقەتلىك يارىتىلغان، ئۇلار ئۆز ئائىلىسىگە، جەمئىيەتكە ھەتتا دۇنياغا تىنچلىق ئېلىپ كېلىش قۇدرىتىگە ئىگە، شۇڭا ئاياللارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ۋەزىپىسى تولىمۇ مۇھىم،" دېگەن.