0:00 / 0:00
ئۇ - 2006 يىلى - 7ئايدا شۋېتسىيىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلىدە شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆپ قېتىم يىغىلىشلاردا بىرگە بولۇپ، ئۆتمۈشىدىن ئەستىلىك ۋە لېرىك شېئىرلىرىدىن نەمۈنىلەر قالدۇرغان ئىدى. مەسۇمجان زۇلپىقار - 1987يىلى ئايرىلغىلى 32 يىل بولغان ۋەتىنىنى زىيارەت قىلىش پۈرسىتىگە ئىرىشكەن بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان يازغۇچى، شائىرلار بىلەن قايتا كۆرۈشۈش پۈرسىتىگە ئىرىشكەن ۋە ئۇچرىشىشلاردا مۇشائىرىلەرگە داخىل بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك بۇ ئەسلىمىلرىنى شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئوراتاقلاشقان ئىدى.
مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكا ئارىمىزدىن ئايرىلغىلى ئەمدى 4 ئاي بولدى. بىز ئۇنىڭ ھاياتلىقىدا خەلقى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئاخىرەتلىكىگە جەننەتتىن ئورۇن تىلەيمىز.