خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا قىرغىزىستان ۋەزىيىتى

قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ئۆكتىچىلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشى ۋە پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ قېچىپ كېتىشى بىلەن داۋالغۇش ھالىتىدە قالغان قىرغىزىستان ۋەزىيىتى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. نۆۋەتتە قىرغىزىستاننىڭ بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيىتى قانداق بولۇشى مەسىلىسى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى قىزىق تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

0:00 / 0:00

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتىن ئالغان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرى تەشكىللىگەن بۇ قېتىمقى نامايىش قانلىق توقۇنۇشقا ئايلانغان. قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف قېچىپ كەتكەن. نۆۋەتتە قىرغىزىستاندا ۋەزىيەت داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ھاكىمىيەتنى باش مىنىستىر دانىيار ئۇسەنوف قۇرۇلۇۋاتقان يېڭى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. يېڭى ھۆكۈمەتنى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روزا ئوتانبايىۋا تەشكىللەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۈگۈنگە قەدەر 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەنلىكى بايان قىلىنغان بولسىمۇ ، ئەمما قىرغىزىستاندا قۇرۇلغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بۈگۈن خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بەرگەن خەۋىرىدە، بۈگۈنگە قەدەر توقۇنۇشتا 75 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرغان.

ئامېرىكا ئاگېنتلىقىنىڭ قىرغىزىستان بىشكەكتىكى مۇخبىرى ئېگور پىسكۇنونىڭ بۈگۈن قىرغىزىستاندىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن قىرغىزىستان ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنى پىلانلىغان تېمىر سارىيېفنىڭ خەلقئارا ئاگېنتلىقلىرىغا بەرگەن مەلۇماتىدىن قارىغاندا، باش مىنىستىر دانىيار ئۇسەنوف كابېنتى ھاكىمىيەتتىن ئىستىپا بەرگەن. يېڭى ھۆكۈمەتنى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 58 ياشلىق روزا ئوتانبايىۋا تەشكىللەيدىكەن.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلار قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتىن بەرگەن نەق مەيدان خەۋەرلىرىنى بېرىشكە ھەم قىرغىزىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈشكە باشلىغان. ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى ، رۇسىيە ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسى، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىقلاردا، بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنىڭ سەۋەبى ھەم قوزغىلاڭدىن كېيىنكى قىرغىزىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر بېرىلگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روزا ئوتانبايىۋا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنىڭ سەۋەبى ھەم قىرغىزىستان ۋەزىيىتىدە بۇندىن كېيىن بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن.

"قۇرمانبېك باقىيېف ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە، ئۆز ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قويۇپ، ئىقتىسادنى ئىگىلىۋالدى، دۆلەتتە چىرىكلىك ئەۋج ئالدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ناچارلىشىپ، نارازىلىقى كۈچەيگەنلىكى سەۋەبلىك بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ پارتلىدى، بىز بۇندىن كېيىنكى 6 ئاي ئىچىدە تېزلىكتە قىرغىزىستان خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلىدىغان يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەيمىز. ماناس ئايرودرومى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشى ئۈچۈن ماددىي ئەشيالارنى توشۇشقا داۋاملىق ئېچىپ بېرىلىدۇ. "

ھازىر ۋاشىنگتوندا ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئېرىكا مارات خانىم، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى قىرغىزىستاننىڭ ئەھۋالى ھەم بۇندىن كېيىنكى قىرغىزىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

ئېرىكا مارات خانىم مۇنداق دەيدۇ: "2005-يىلى قۇرمانبېك باقىيېف 'كۈركۈم گۈلى رېۋېلاسسىيونى' دەپ تونۇلغان قوزغىلاڭدا، ئىلگىرىكى كوممۇنىست پرېزىدېنت ئەسقەر ئاكايېفتىن ھوقۇق تارتىۋالغان ئىدى. ئەمما ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بۇ بىر نەچچە يىلدا 'خەلققە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىدى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىشى ئېغىر بولدى، باقىيېف ئائىلىسىنىڭ خەلقنىڭ مال - مۈلكىنى قانۇنسىز ئىشلىتىۋالغانلىقى ۋە ھەددىدىن زىيادە خىيانەتچىلىككە بېرىلگەنلىكى' سەۋەبىدىن نارازى بولغان خەلق ئۇنىمۇ تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلىدى. مېنىڭچە دۆلەتنىڭ بۇنداق كرىزىس ئىچىگە پېتىپ قېلىشىغا ئالدى بىلەن باقىيېف ھۆكۈمىتى جاۋابكار بولسا، ئۇندىن قالسا سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئويناۋاتقان خەلقئارا سىياسىي ئويۇنلىرى سەۋەب بولماقتا."

ئېرىكا مارات خانىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قىرغىزىستاننىڭ بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، قىرغىزىستاننىڭ بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيىتى يەنە بىر مەزگىلگىچە تىنچلانماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادى ھەقىقىي ياخشىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانمىغىچە قىرغىزىستان خەلقىنىڭ نارازىلىقلىرى توختىماسلىقى مۇمكىن. گەرچە بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنى بىز قىرغىزىستاندا دېموكراتىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا بىر قەدەر كەڭلىكىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارىساقمۇ، ئەمما نۆۋەتتە قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەتسىزلىك خاھىشىمۇ ئېغىر بولماقتا. بۇ قىرغىزىستاننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىسىز."

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بىشكەكتە ۋەزىيەتتە ئازراق ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر بىر قىسىم شىركەت ھەم ماگىزىنلار بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىماقتا ئىكەن. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان قىرغىزىستان ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر قىرغىزىستاندىكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى ھەققىدە بايانات بېرىپ كېلىۋاتماقتا.

ئامېرىكا، قىرغىزىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېزلىكتە ئوڭشىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۈنۈگۈن رۇسىيە تەرەپتىن پۇتىن بايانات بېرىپ، قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەدە رۇسىيىنىڭ قولى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى ئەلچىخانىسى بولسا، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە خىتاي پۇقرالىرىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ يوقلۇقىنى ھەم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆزىنى قوغدىشىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.