مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇنازىرە قىلىنماقتا

خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان "مەركىزى كومىتېت شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" ئۇيغۇرلاردىن سىرت، غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتماقتا. فرانسىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 19 - ماي ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى شىنجاڭ ئىستراتېگىيسىنى بەلگىلەش يىغىنىنىڭ 1949 - يىلىدىن بۇيان ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق چوڭ يىغىن بولغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2010.05.19
Xitay-saqchi-adem-olturgen-meydanda-urumqi-305 ﺑﯜﮔﯜﻥ، 13 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ 2 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ.
AFP Photo

خەۋەردە 2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ خىتاينى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ" 5 - ئىيۇل ۋەقەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى" دېيىلگەن.

"بېيجىڭ: شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيسىنى بەلگىلەش يىغىنى چاقىردى" ناملىق بۇ خەۋەردە، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتقانلىقى يېزىلغان. ئىچكى - تاشقى مۇستەقىلچى كۈچلەرنىڭ يىلدىن - يىلغا كۈچىيىپ بېرىشى نەتىجىسىدە، سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدىغان بۇ تۇپراقنىڭ كېلەچەكتە تىزگىنلىگۈسىز دەرىجىگە چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

بېيجىڭدىكى بۇ يىغىننىڭ تۈپ مەقسىتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تايىنىپ مەڭگۈلۈك مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇيغۇر - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەتنى، ئەبەدىيلىك مۇقىملىقنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تايىنىپلا ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرماقتا.
 
خوڭكوڭ مەجمۇئە گېزىتى بولسا، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ خىتايدىكى بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ۋە ئاتالمىش شىنجاڭ ئىشلىرىغا ئالاقىدار بارلىق كۈچلەرنى بىر ئارىغا كەلتۈرگەنلىكىنى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاپ، مەڭگۈلۈك مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى يازغان.

بوشۈن تورىنىڭ 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنى ۋە ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا پارتكوم ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن جياڭ چۇنشيەنگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر بېرىلگەن. بۇ پىكىرلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە جياڭ چۇنشيەن شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى چەكلىشى، دىنىي ئېتىقاد ھەم پىكىر ئەركىنلىكىگە يول قويۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

ۋەتىنىم تورىدا خىتاينىڭ "شىنجاڭنى سەكرەپ ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك تەرەققى قىلدۇرۇش" پىلانىغا قارىتا ھەپتىدىن بىرى مۇنازىرىلەر قانات يېيىۋاتقان بولۇپ، "بايلىق دېڭىزىدا بوغۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار" ناملىق يازمىدا، شەرقىي تۈركىستاندا بۈگۈنكى مىللىي دارامەتنىڭ 472 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكى، 1952 - يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 540 ھەسسە كۆپەيگەنلىكى، ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بولسا بارغانسېرى نامراتلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى، ئىشسىز قېلىۋاتقانلىقى، ئاچ قېلىۋاتقانلىقى، پەرىشانچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن "ئۇيغۇربىز" تورىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان خىتايچە بەس - مۇنازىرىلەر تېخىمۇ كەسكىن بولۇپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن پىكىرلەر خىتاي تور بەتلىرىدە قىززىق تېمىغا ئايلانغان. ۋاڭ لېچۈەن ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق - ھەق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم بولغانلىقى، جاڭ چۇنشيەن ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىنجاڭدا ئەگەر مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىنمىسا، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدە يەنىلا ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىغا ئوخشاش پىكىرلەر تەكىتلەنگەن.
 
مۇنازىرىلەردە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى يۇقىرى پرىنسىپقا كۆتۈرۈپ، ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش باھانىسىدا نۇرغۇنلىغان زىيالىيلارنى قولغا ئالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقە ئەركىنلىكىنى، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى چەكلەش پرىنسىپلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچۈيىۋاتقانلىقى، خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە قىلچە كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى ۋە بەلكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىمۇ سۆزلەنگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.