بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۆزگەرمەكتە

11‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى خەلقارا تېررورغا باغلاپ چۈشەندۈرۈش تەشۋىقاتى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كۆزەتكۈچىلەرنى ئىشەندۈرەلمىگەن بولسىمۇ، بىرقىسىم كۆزەتكۈچىلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سەلبىي تەسىرات پەيدا قىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى قەشقەر ۋە كۇچادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەردىكى بۇ خىل سەلبىي تەسىراتلارغا خاتىمە بەردى.

0:00 / 0:00

Rohan Gunaratna خەلقئارادا تونۇلغان تېررورلۇق مۇتەخەسسىسى. ئۇ ئىسرائىلىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ئىشلىرىدا مەسلىھەتچىلىك قىلغان. ئۇ نۆۋەتتە سىنگاپوردىكى خەلقئارالىق تېررور تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى. ئۇ يېقىنغا قەدەر خىتاينىڭ تېررورلۇق تەھدىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى قوللاپ كەلگەن ۋە شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ خەلقئارادىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.

Rohan نىڭ تۈنۈگۈن بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىدا ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئۇ تۈنۈگۈنكى سۆزىدە قەشقەر ۋە كۇچادا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى نامىدا ئېلىپ بارغان تۈرلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ مەھسۇلى دەپ كۆرسىتىدۇ ۋە بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خەلقئارا تېررور بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى تەكىتلەيدۇ. نۆۋەتتە خىتاي ئۈچۈنمۇ تېررورلۇققا قارشى مەسلىھەتچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بۇ مۇتەخەسسىس تۈنۈگۈنكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: " خىتاي نۆۋەتتىكى تەشۋىقاتىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى رادىكال گۇرۇپپىلارنى مۇبالىغەلەشتۈرۈۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتى رادىكاللىشىپ كېتىۋاتىدۇ." ئۇ بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن، خىتاينى پاكىستاندا ھەربىي تەلىم كۆرگەن گۇرۇپپىلارغا كۆپرەك دىققەت قىلىشىنى، دۆلەت ئىچىدە قارشلىق كۆرسىتىۋاتقان گۇرۇپپىلارغا يۇمشاق پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

قەشقەردە يۈز بەرگەن 4 ‏ - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى، 10 ‏ - ئاۋغۇست كۇچا ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ تېررور مۇتەخەسسىسى لى ۋېينىڭمۇ قاراشلىرىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقى بايقالماقتا. ئۇ ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا قىلغان سۆزىدە تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى باياناتى ھەققىدە توختالغان ۋە " گۇرۇپپىلار جامائەت پىكرى توپلاپ ئىقتىساد توپلاشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئېلىپ بارالمايدۇ" دېگەن ۋە خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ھەر قانداق بىر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ قەشقەر ۋە كۇچا ۋەقەسىدىن كېيىن قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىكى قارشلىق گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىتايغا تەھدىت كۈچى بارلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئۇ بۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە سوز قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە.

نىكولىس باككولىن، دۇنيا كىشىلىك كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچى، ئۇ كۇچا ۋەقەسىدىن كېيىن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ تەشكىللىنىش ئىقتىدارىغا قايىل بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ سۆزىدە ئولىمپىك مەزگىلىدە يولغا قويۇلغان شۇنچە كوپ تۇياقلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ 15 كىشىلىك بىر گۇرۇپپىنىڭ، كۇچادا ھەرىكەت ئېلىپ بارالىغانلىقى پەۋقۇلئاددە بىر ئىقتىدار دەپ بايان قىلدى. ئۇ تۈنۈگۈن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە يەنە كۇچا ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " خىتاي 1990 ‏ - يىللاردا بىر تۈركۈم ئەسكىرىي گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇپ بولغان ئىدى، بۇ ۋەقە يېڭى بىر ئەۋلاد ئەسكىرىي كۈچنىڭ ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى باسقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە". ئۇ سۆزىدە بۇ ھەرىكەتلەرنى تېررورلۇق دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: " ھۇجۇمچىلارنىڭ ھەممىسى ياش بالىلار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارىسىدا ئىككى نەپەر ئايال بار. مەن بۇ ۋەقەنى يېقىنقى مەزگىلدىكى خىتايغا قارشى تۇنجى ئەسكىرىي ھەرىكەت دەپ قارايمەن."

قەشقەر - كۇچا ۋەقەلىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ھەققانىي بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئۇزۇندىن بېرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان كۆپ سانىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىر ‏ - مەيدانىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. بۇلاردىن بىر ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس Dru Gladney دۇر. ئۇ بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت رادىئوسىغا قىلغان سۆزىدە، مەزكۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مىللىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان ياكى ئۇيغۇرىستان قۇرۇش ھەرىكىتى دەپ تونۇشتۇردى . ئۇ مۇخبىرنىڭ" يېقىنقى توقۇنۇشلارنىڭ تۈپ يىلتىزى نېمە" دېگەن سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: " ئۇيغۇر رايونى يەر ئاستى - ئۇستى بايلىقلىرى مول بىر جاي، بۇ بايلىقتىن، خىتايلار بەھرىمان بولۇۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار نامراتلىشىۋاتىدۇ. ئۆز زېمىنىغا ئۆزى ئىگە بولالماسلىق، ئۆز بايلىقلىرىدىن ئۆزلىرى پايدىلىنالماسلىق قارشىلىقلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر."

يۇقىرىدا بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلسىگە ئائىت قاراشلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.